خەيرىلىك سەھەر خەيرىيە
(ناخشا تېكىستى)
جامالىدىن يۈسۈپ يانار
خەيرلىك سەھەر  جانىم خەيرىيە،
خوش دەيمەن ساڭا كۆز يېشىم بىلەن.
كەتسەممۇ يىراق -يىراق جايلارغا،
قالار بۇ كۆڭلۈم ھامان سەن بىلەن.
خەير خوش ، ئەمدى جانىم خەيرىيە،
قالدى سۆيگۈمىز يۈرەكتە پىنھان.
يېتەي دېگەندە ، ئەمدى ۋىسالغا،
رەھىمسىز تەقدىر بەرمىدى ئىمكان.
خاتىرجەم بولغىن ، جانىم خەيرىيە،
ئەسلەيمەن سېنى ، ھەربىر قەدەمدە.
مۇھەببىتىمنى ساڭا بېغىشلاپ،
سۆيەرمەن سېنى ئىككى  ئالەمدە.
ئۈمىدۋار ياشا ، جانىم خەيرىيە،
باسمىسۇن  سېنى ھەسرەتلىك خىيال.
خۇشپۇراق چېچىپ  سۆيگۈ گۈلىمىز،
ئاخىربىر  كۈنى تاپىدۇ  ۋىسال.
2017-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى تۇرپان شەھىرى
ئۈندىدار.13999460492
| 63 قېتىم كۆرۈلدى | جامالىدىن يۈسۈپ يانار | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-4-14 1:27:12 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
| 
 تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
 
  	www.yazghuqilar.com 
  	新ICP备15002323号 
  	
    
 |