مەنزىل
زۇلخۇمار تۇرغۇن 
  ئەتراپ  قاراڭغۇلۇق ئىچىگە  پۈركەلگەن ، ئەتراپتا سۈرلۈك ئاۋازدىن باشقا ھىچقانداق  تىۋىش  يوق  ،  يۈرۈگۈم تولىمۇ ئەنسز ...
ئاسمان چاراقلاپ يىنىۋاتقان ساناقسز يۇلتۇزلار بىلەن بىزىلىپتۇ .
 تۇپراققا قاراپ پۈكۈلگەن جىسمىم شۇنچىلىك  ئىغىر  ،   قەددىمنى بىر ئاز  رۇسلاپ ئۆزۈمگە قارىدىم ،  قارىدىم -يۇ  ھەيران قالدىم ،  جىسمىمدىكى مەن ئەمەس  ،ناتونۇشلا بىرتەن ئىدى   ،روھىم ئۇنى يەكلەۋاتاتتى ...
روھىم  بىلەن  جىسمىم ئارىسدا بىر مەيدان جەڭ   ھازىرلاندى ! بىر ھازا   ئىلىشىپ  بىر مەيدان تىركەشمە   جەڭ  پارتىلدى ....!
 روھ  تەنگە  ، تەن روھقا يول قويمايتتى  ، ھەر ئىككىسى ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللەش ئۈچۈن تىركىشىۋاتاتتى ....
بەدەنلىرىم     ئۆتمۈتۈشۈك قىلنىپ       روھىم        جىسمىم ئۈستىدىن غالىپ كەلدى......
ئورنۇمدىن ئاستا قوزغىلىپ  قەدىمىنى سۆرەپ كىتىۋاتىمەن  ،  بايا ئاسماننىڭ بىزىكى بولغان يۇلتۇزلار ئەمدىلىكتە يىقىنلاپ تىخىمۇ نۇرلۇق چاراقلاپ  ماڭا پىچىرلاۋاتىدۇ ...
پاھ  ،  ئالدىمدا 18 ياشلىق مەسۇم  قىزنىڭ ھۆسنىدەك تولۇن ئاي  !
  ئەتراپىمدىكى  قاراڭغۇلۇق سۈتتەك ئاي نۇرى ئارىسىغا مۆكۈنۋالدىمۇ -قانداق  ،  بايىقى سۈرلۈكلۈكلەردىن ئەسەرمۇ  يوق ،  قولۇمنى سوزدۇم .
 توۋا  !
 بۇ چاغدا ئىككى تەرىپمدە ئىچىلىپ كەتكەن گۈلەرنىڭ يىقىملىق شىىۋىرلىشى مىنى ھەيران قالدۇردى  !
بايىقى   مۇدھىش قاراڭغۇلۇق ،   ۋەھىمە ئىچىدىكى  سۈرلۈك  تىۋىش ،  زەئىپ  تەن ....  بۇلارنىڭ   ئورنىغا  شۇنچە  گۈزەل ئۆزگىچە بىر  مەنزىرە  ئالماشقانىدى .
قولۇم  تىخىچە  بوشلۇقتا تۇرۇپتۇ ،  ئاينى تۇتماق بولۇپ قولۇمنى تىخىمۇ  سوزدۇم ،  ئاي   تىخىمۇ نۇرلىنىپ كەتكەندەك تۇيۇلۇپ كەتتى !
قولۇمنى سوزۇپ  يۈگۈردۈم ،  خۇددى ئاي پەسلەپ  ئۇنى  تۇتىۋالىدىغاندەك  ...!
قەدىمىم شۇنچە تىز ،  ئالدىمغا قاراپ كىتىۋاتىمەن  ،  يۈگۈرۈپ .
ئاي ئۆز ئورنىدا ماڭا قاراپ كۈلۈپ تۇرىدۇ ،  قىنى كەل   !   دەپ ،  خۇددى  مىنى  كۈتىۋاتقاندەك ......
2017-يىلى    10- ئاپرىل 
شىنجاڭ سانائەت قۇرۇلۇش ئىنىستىتۇتى
| 210 قېتىم كۆرۈلدى | zulhumar | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-4-14 10:31:46 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
| 2017-4-24 14:21:10 | ئابدۇرەشىدخان | 
| سەھەرنىڭ ئىللىق ساباسىدەك يۇرەكلەرنى لەرزىگە سالغۇچى لىرىكا . بۇندېن كىيىنكى ئىجادىيتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن . قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىغاي....... | |
| 
 تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
 
  	www.yazghuqilar.com 
  	新ICP备15002323号 
  	
    
 |