چىچەك پەسلى (شېئىر) - ​ ئ‍ېزىزجان تۇرسۇن خەنجەرى

چىچەك پەسلى

 ئ‍ېزىزجان تۇرسۇن خەنجەرى

ئ‍ەجەپ چىرايلىق
قىزدەك شۇ چىچەك
خاتىرەم قېتىدا
ساقلىنىدۇ سىرلىرىم بىلەن
بىرسىقىم چىچەك
سىزىلغان يۈرەك.....
ئ‍ىسىمدە مىنىڭ
چىچەك ئ‍ېچىلغان
مەجنۇنتال چاشقان قۇلاق بولغان شۇ كۈنى
تۆت قۇلاق ئ‍ىزدەپ
سەكرەپ-تاقلاپ يۈرگەن چېغىڭدا
قىلىقىڭدىن شۇنچە سۈيۈنۈپ
يىنىككىنە بىرنى سالغانتىم
كاككۇك قونغان تالدا مەن سىنى...
كۈنلەر
ئ‍ايلار
يىللار ئ‍ۈتۈپ كەتتى بەكمۇتىز
ئ‍ەمما
نەچچە قېتىم چىچەك ئ‍ېچىلدى
ھەم تۈكۈلدى نەچچە رەت
لىكىن
سۆيگۈم چىچەك ئ‍اچقان ئاشۇ كۈن
كۆز ئ‍الدىمدىن كەتمەيدۇ پەقەت.
                           ............
چىچەك پەسلى
سىنى سۈيىمەن
تۇزۇسىمۇ سۈتتەك ئ‍اق چىچەك
چىچەك تۆككەن دەرەخ تۈۋىگە
بىرشىڭگىل سۆز كۈمۈپ قۇيىمەن ...
...سىنى سۈيىمەن
   چىچەك

 2016-يىل3-ئاينىڭ 28-كۈنى
ئاقسۇ





124 قېتىم كۆرۈلدى margimux ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-3 17:22:37  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ