سۆيگۈ خاتىمسى - ئېلىجان ئابدۇكېرەم

 سۆيگۈ خاتىمىسى

ئېلىجان ئابدۇكېرەم ( بارچۇق ئوغلى )

سېنى كۆرۈشكە كەلگەن ئىدىم يار،
ئەمما كۆرۈشكە كېچىكىپتىمەن.
بولۇپ كېتىپسەن بىراۋنىڭ جۈپتى،
ماڭا يار قىلىپ دەرد ئەلەمنى سەن.

كۈتتۈم دېگەنتىڭ كۈتەلمەپسەنغۇ،
تۇنجى سۆيگۈنى چۈشەنمەپسەنغۇ.
مېنى قالدۇرۇپ ھىجران دەشتىدە،
قىلغان ۋەدەڭدە ئۆتەلمەپسەنغۇ.

ھاياتلىق ئەجەب كېتىپتۇ چاققان،
مەنلا قاپتىمەن بولۇپ دەرد باسقان.
بىلەمسەن يارىم، پارە بۇ قەلبىم،
خېلى بۇرۇنلا سەن بىلەن قالغان.

خوشلىشاي دەيمەن يەنە سەن بىلەن،
خوش دېيىشكىمۇ ئاجىز كەپتىمەن.
ھەر جايدا بولساڭ ئامان بول يارىم.
مېنى يىگانە قويماس دەپتىمەن.

ناخشا تېكىستى ئىشلەتكۈچىلەر ئاپتور بىلەن ئالاقىلىشىڭ

 ئۈندىدار 2318334127
     





41 قېتىم كۆرۈلدى dlkax ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-10 10:02:44  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ