بىلىم (غەزەل) - نۇرئەھمەدجان مەمتىمىن شەرئى

 بىلىم   (غەزەل)

نۇرئەھمەدجان مەمتىمىن شەرئى


بىلىمدىن ئۇز گۆھەر يوقتۇر جاھان ئىچرە بايان دوستۇم،
بىلىمنى يار تۇتقان كىشى بولماس ئەبەد  خازان دوستۇم.

بىخەۋەر قالما  بىلىمدىن  بولۇر ھالىڭ خارۇ -زەبۇن،
بىلىمسىزلىك جاھالىتى زۇلمەت زىندان يامان دوستۇم.

بىلىمدەك كاتتا قورغان يوق ئىنساننى قوغدارغا دۈشمەندىن،
مەيلى ياغسۇن ياكى ئاپەت بىلىملىكتۇر ئامان دوستۇم.

بىلىم ئۆگەن بىلىم بىلگىن قالساڭمۇ گەر چۆلدە تۈندە،
بىلىم ساڭا سىرداش قاياش مەشئەل چىراق ھامان دوستۇم.

بىلىم سىنى قىلۇر ئەزىز بەخىش ئىتىپ گۈلگۈن ھايات،
چىھرىڭدە نۇر زىيا چاقنار يۈرگىن بارغىن قايان دوستۇم.

بىر رەھنەما ماياكتۇر ئۇ  يول ئىزدىگەن ھەر كىشىگە،
داغدام يولۇڭ مەنزىللىرىڭ  بىلىم بىرلە ئايان دوستۇم.

بىلىمسىزلىك ئىغىر كۈلپەت بىلىمسىزنىڭ روھى پۇچەك،
بەخىت زەررە قۇچاق ئاچماس بولساڭ غاپىل نادان دوستۇم.

ۋىسال ئىزدەپ يۈرمە ئەسلا نەگەر ئىزدە بىلىمدىنلا،
تىپىلماس ھىچ ئۇنىڭدەك چىن ساداقەتمەن جانان دوستۇم.

بىلىم سەندىن بولماس يىراق بولۇپ ھەمراھ شامۇ سەھەر،
بىلىمنى سۆي ۋۇجۇدۇڭدىن ئۇسىز رەڭگىڭ سامان دوستۇم.

ئۇر، ئات ئۆزۆڭنى بىلىمگە كۆپ گويا بۇلبۇل سەۋداسى بول ،
بىلىم قوينى زاۋال تاپماس ئۇلۇغ  جەننەت ماكان دوستۇم.

شەرئى
2016-2-28-كۈنى

     





74 قېتىم كۆرۈلدى نۇرئەھمەدجان مەمتىمىن ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-20 1:00:32  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ