مال-دۇنيا (شېئىر) - ئوماق مەلىكە رىزۋانگۈل

مال-دۇنيا (شېئىر) 

 ئوماق مەلىكە رىزۋانگۈل


 ئىجىل-ئىناق تۇققاننى ياتلاشتۇردۇڭ مال دۇنيا ،
شۇنچە ئىسىل ئادەمنى پەسلەشتۇردۇڭ مال دۇنيا .
سەندە باردۇ نە خىسلەت ئويلاپ ھىچبىر بىلمىدىم ،
شۇنچە بەردەم ئەرلەرنى تۇگەشتۇردۇڭ مال دۇنيا .

پاك ، ئادىل ئەمەلدارلارنى  پارىخور قىلدىڭ مال دۇنيا ،
شۇنچە بەختلىك ئائىلىلەرنى خازان قىلدىڭ مال دۇنيا .
ۋىجدان غۇرۇرلۇق ئەرلەرنى پەسكەش قىلدىڭ مال دۇنيا ،
ئوماق غۇبارسز قىزلارنى ۋەيران قىلدىڭ مال دۇنيا .

سىنى دەپلا ساتتىغۇ ، ۋىجدان غۇرۇر ، نۇمۇسنى ،
ھەيران قالدىم ئىشلارغا ، بىلەلمىدىم يا كۇلۇشنى .
ساتماقتا بەزىلەر سەن ئۇچۇن سىرداش  دوستىنى ،
بەزىلەر ئۇچۇن ھەممىدىن  مۇھىممىدۇ مال دۇنيا .

🌺ئوماق مەلىكە 🍃 🌸
QQ 2257222329
      





785 قېتىم كۆرۈلدى 2971771331 ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-2-21 21:58:44  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-3-8 4:12:58 ئىبراھىم شەۋقى
بۇ شىئىر بەك ئىسىل يىزىلىپتۇ 🌹🌹👍👍
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ