كىرەك بىزگە قەلبى گۈزەللەر
" قىزلارغا خىتاپ "
ھوشۇر ئامىرجان ئاتەشى تاجىك
كىرەكسىزدۇر بىزگە بوياق -رەڭ ،
تەنناز ئەمما بولۇمسىز سەتەڭ .
گەر سۆزۈمدىن ھەقنى ئىزدىسەڭ ،
كىرەك بىزگە قەلبى گۈزەللەر !
چوڭ كۆرمەيمىز زىلۋا قامەتنى ،
چېھرى گۈزەل ، قىلىقى سەتنى .
ھۆرمەتلەيمىز ئىسىل خىسلەتنى ،
كىرەك بىزگە قەلبى گۈزەللەر !
ئۇزلۇق ئەمەس ئەخلاقنىڭ ئەسلى ،
ئەخلاق ھامان پاكلىقنىڭ ۋەسلى .
قورىسىمۇ ئۇزلۇقنىڭ نەسلى ،
كىرەك بىزگە قەلبى گۈزەللەر !
بىز زىرىكتۇق غاپىل ئىنساندىن ،
ئۆزى چاغلىق ، ھالى ياماندىن ،
كەچمىگەندەك ئېتىز ساپاندىن ،
كىرەك بىزگە قەلبى گۈزەللەر !
| 103 قېتىم كۆرۈلدى | ejran | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-10-12 13:48:54 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|