تىلەكسىز قالمىسۇن بارچە قەلىبلەر
يۈسۈپجان سايرامى ( زىنھار )
مەن بۈگۈن شۇنداق تىلەمچى ،
تىلمەسمەن ئەسلا پۇل-پۈچەك.
قەلىبدىن قەلىبكە بولسۇن تىلەكچى ،
رېئالىققا ئايلىنىپ ئارزۇ كىلەچەك .
ئاجىزلارغا كۈچ-قۇۋۋەت تىلەي ،
تەمەخورغا تەمەسىزلىك تىلەي .
ئىنساپسىزغا ئىنساپ تىلەي ،
تىلەكسىز قالمىسۇن بارچە قەلىبلەر.
نەپسى بالاغا نەپسانىيەت تىلەي ،
كۆڭلى قارغا ئاقكۆڭۈللۈك تىلەي .
باغىرى تاشقا ئىللىقلىق تىلەي ،
تىلەكسىز قالمىسۇن بارچە قەلىبلەر .
نادانلارغا ئەقىل-پاراسەت تىلەي ،
ھاياسىزلارغا پاكىز دىيانەت تىلەي .
بىتاپلارغا تەن سالامەت تىلەي ،
تىلەكسىز قالمىسۇن بارچە قەلىبلەر .
چۈشكۈنلۈككە ئۈمۈد تىلەي ،
تىرىشقانلارغا بەركەت تىلەي.
تىرىك-تاپلارغا ھەرىكەت تىلەي ،
تىلەكسىز قالمىسۇن بارچە قەلىبلەر .
ھىيلىگەرلەرگە راستچىللىق تىلەي ،
ئەمەل تۇتقانغا ئادىللىق تىلەي .
چۈش كۆرگەنگە رېئاللىق تىلەي ،
تىلەكسىز قالمىسۇن بارچە قەلىبلەر .
ئەر-ئايال تۇرمۇشىغا بەخىت تىلەي ،
قىز-ئوغۇل ھەممىسىگە ۋىجدان تىلەي.
گۈللىسۇن ، ياشنىسۇن تەخىت تىلەي ،
تىلەكسىز قالمىسۇن بارچە قەلىبلەر .
2016-يىل 12-ئاينىڭ 19-كۈنى
##ئاپتۇر ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ ##
| 54 قېتىم كۆرۈلدى | zinhar | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-12-19 18:36:05 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|