بىر كۈنى
يازغۇچى :ئابدۇۋارىس ئوسمان
ھەقنى يازماس قەلەملەر سۇنۇپ كېتەر بىركۇنى ،
ھەقنى كۆمۇپ بولغىچە ئۆزى كۆمىلەر بىر كۈنى .
ھەق ناھەقنى خەلقىم ئۆزى ئايرىپ چىقاربىركۈنى ،
ھەققە دۇئا ناھەققە قارغىش بېرىلىدۇ بىر كۇنى .
توھمەت قىلسا كىشىلەر ئاخلىنىسەن بىركۈنى ،
پاك ياشىساڭ ھاياتتا ماختىنسەن بىركۈنى .
نادان دوسنى دوس دىمە تاشلىنىسەن بىركۈنى ،
كىتاپ ئوقۇپ بىلىم ئال ئەزىز لىنسەن بىركۈنى .
ئىلىم ئالغان كىشىلەر ئۇتۇق قازنار بىركۈنى ،
غەيۋىتىنى قىلغانلار ھەسرەت چېكەر بىركۈنى .
بۇرۇن تاشلاپ كەتكەنلەرئىزدەپ كېلەربىركۈنى ،
ئىلىم ئالماي ياتقانلار توزۇپ كېتەر بىركۈنى .
توپا باسسا كىتاپنى توپان بولار بىركۈنى ،
كىتاپقىلا ئېسىلساق ئۇتۇق بۇلار بىركۈنى .
تىرىشسىلاھەر ئىشلا ھەل بۇلىدۇ بىركۈنى،
بۇنى بىلمەي ياتقانلار خارلىنىدۇ بىركۈنى .
پارىخورغا ئىشەنمە قامىلىپ قالار بىركۈنى ،
ئەمىلىگە ئىشەنمە ئېپ تاشلىنار بىركۈنى .
گۇناھتىن يىراق تۇر ئەجەل كىلدۇ بىركۈنى ،
ياخشى بولساڭ كىشىلەر دۇئاقىلار بىركۈنى .
| 133 قېتىم كۆرۈلدى | 944382894 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-10-9 10:57:57 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|