ئۇستازىم - بارلىق جاپاكەش ئوقۇتقۇچى ئۇستازلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەيمەن
ئۇستازىم

مېھىرنىسا قۇربان 

(بارلىق جاپاكەش ئوقۇتقۇچى ئۇستازلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەيمەن)

بىلىم بەرگەن ئىلىم بەرگەن ئۇستازىم،
ساڭا باردۇر يۈرۈگۈمدە مۇھەببەت.
ئەجىرلىرىڭ كۆپتۇر ماڭا سېڭدۈرگەن،
ئۇنۇتمايمەن سېنى مەڭگۈ تا ئەبەت.

بىلىم سالغان بۇ غۇبارسىز دىلىمغا،
ئىلىم پەننىڭ چىرىقىنى ياندۇرۇپ،
ئالغا باسسام مەمنۇن بولۇپ كېتىسەن،
خوشاللىقتا چېھرىڭدىن نۇر ياغدۇرۇپ.

ياد ئېتىمەن سىنىڭ ئۇلۇغ نامىڭنى،
ئەزىزلەيمەن قەدىرلەيمەن ئۆزۈڭنى.
ئەجىرىڭگە ياخشى جاۋاب قايتۇرۇپ،
ئارمىنىم شۇ يورۇق قىلسام يۈزۈڭنى.

2016-9-8 غۇلجا شەھىرى




67 قېتىم كۆرۈلدى 2550325358 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-9-8 22:46:55  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ