ئاسىي ئاشىق - تۇرسۇنجان قايىم «ئىقبالى»

ئاسىي ئاشىق
ناخشا تېكىستى
ئاپتۇرى: تۇرسۇنجان قايىم «ئىقبالى»

تولدى يۈرەك ئاچچىق ھەسرەت نالىگە،
تاشلاپ كەتتى ياتقا بېقىپ يۈرگەنىم .
پۇل ئۈچۈنلا كىتىپ قالدى ۋاز كىچىپ،
مۇھەببەتكە ئاسى ئىكەن سۆيگەنىم.

گۈزەل ئارزۇ ئارمانلىرىم يوق بولدى،
نابۇت بولدى گۈلدەك ھايات ياشلىقىم.
سۆيگۈلەرنى ۋەيران قىلدى نامەرتلەر،
مۇھەببەتكە ئاسى ئىكەن ئاشىقىم.

ئەزىز بىلىپ كۆرسەم ھەتتا جېنىمدىن،
يۈز ئۆرۈدۈڭ مال دۇنيانى چوڭ بىلىپ.
كەچۈرمەيمەن سېنى ئەمدى دىلىمدىن،
ئاسىي ئاشىق يالۋۇرساڭمۇ تىزلىنىپ.
2016.12.2
ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىڭ ، نامسىز تارقاتماڭ  ئىشلەتكۈچىلە ئالاقلىشىڭ 

 چ چ ئۈندىدار 1934220673
     





112 قېتىم كۆرۈلدى ihbali ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-2 13:54:53  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ