خەيىر-خوش ساۋاقداشلىرىم - ھەزرەتئېلى سەمەت
ياتلاشمايلى ساۋاقدىشىم

ھەزرەتئېلى سەمەت

قەلىبتىن چىققان ساۋاقداش دېگەن بۇ سۆز،
ھاياجانغا سالۇر - دە بىزنى شۇنچە .
ساۋاقداشلار ئوقۇتقۇچى ئۇستازلىرى،
يۈرىكىمدە ئېچىلغان بىرتوپ بولغىنىچە.

ياردەم بېرىپ ئۆتتۇق بىز ئىناق بولۇپ،
چاقچاق قىلىپ ئۆز ئارا كۈلدۈرۈشۈپ.
مانا ئەمدى ئايرىلىپ كېتەر بولدۇق،
گۈزەل تاتلىق ئەسلىمە قالدۇرۇشۇپ.

ئۇرۇشۇپمۇ قالاتتۇق بەزىدە بىز،
ئەپلىشىپمۇ قالاتتۇق شۇنچىلىك تېز.
شۇنداق ئۆتتى بۇ ئوقۇش ھاياتىمىز،
ئەسلىمىلەر قالدۇرۇپ مەكتەپكە ئىز.

ساۋاقداش بوپ، ئۆتكۈزگەن شۇ كۈنلەردە،
بولدۇق بىزلەر پارتىداش ھەم جەبرىداش.
ياتلاشمايلى تۆت كۈنلۈك بۇ ئالەمدە،
بوپ قالىمىز بىز يەنە ھەم قەبرىداش.





30 قېتىم كۆرۈلدى xohyigit ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-8-8 15:38:05  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ