ئۇيغۇرۇم بار
ئاپتۇرى :«چىچەك كاشغەرى»
قولىدا قەلەم سىياھ تۇتقان،
يولىغا ئۆمۈد بىلەن باققان.
ئىلىمگە كەڭ قۇچاق ئاچقان،
شۇنداق ئىسىل ئۇيغۇرۇم بار،
توختىماي ھەردەم قىلدۇ كۆرەش،
ھاياتنىڭ داۋانلىق ئىگىز تېغىدا.
نىشان بىلەن يول ئېچىپ ماڭار،
كىتابنى ئىگىز كۆتۈرۈپ قولدا.
ئاڭلا ئىسىل ئۇيغۇرۇم بار،
بىلىمگە يۈكسەك ئىشتىياقى بار.
كەلسىمۇ باشقا ھەر مۇشاققەت،
يەڭمەككە دىلدا زور ئىشەنچ بار.
ئويلاپ قالما ئەخلاق ئۆلدى دەپ،
ئەخلاقى يوق بىرىنى كۆرۈپ،
يۈز ئالمىدىن چىقار بىر سېسىق،
ساق ئالمىنىڭ ھەممىنى بۇزۇپ.
ياماننىڭ ياخشى بولمىقى تەسمۇ،
ۋەياكى ياخشىلىق ئۇنىڭغا ئازمۇ.
ياخشى بېشىغا يامان دەسسەپ،
تىك تۇرۇپ ھەيۋەت ماڭغىنى بارمۇ.
ھۇشۇڭنى تاپقىن بولما ئازغۇن،
تور، قىمارخانا قونالغۇ بولمىسۇن.
سەرىپ ئەتكىن ئەقىل كۈچۈڭنى،
مىللىتىڭ خەلقىڭ پەخرىم دىسۇن.
ماڭغان باردۇر ئۆتكۈر ئىزدا،
ھايات سىرىنى يىشىش يولىدا.
ئەخلاق تونىنى ئوراپ دىلىغا،
ماڭغان ئىزچى ئۇيغۇرۇم بار.
2016.10.5
52 قېتىم كۆرۈلدى | qiqak | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-10-12 12:37:20 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-10-15 11:32:16 | قاھار |
بەك ياخشى چىقىپتۇ يەنمۇ تىرشىڭ قاھار |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|