كۆڭۈل ئاغرىقى- ئ‍ېزىزتۇرسۇن خەنجەرى

  كۆڭۈل ئ‍اغرىغى

ئ‍ېزىزتۇرسۇن خەنجەرى

يۈرۈگۈم ئ‍اغرىدى نەپسىم سىقىلدى،
بىلمىدىم نەئۈچۈن بۇغۇلغاندىمەن.
خوشلۇقتىن كۆپ ماڭا خاپىلىق بەكلا،
ئ‍ويلايمەن، نىمىشقا تۇغۇلغاندىمەن.

كۆزلىرىم كۈلسىمۇ يۈرۈگۈم يىغلاپ،
ئ‍ۆتكۈزدۈم چاندۇرماي شۇنچە ۋاقىتنى،
بىلمەيدۇ ھىچكىممۇ كۈلكەمگە قاراپ،
يۈرەكتە قېپ قالغان چوڭقۇر تاتۇقنى.

كۆڭۈللەر تۇرغاچقا ئاغرىپلا دائىـم،
ئەزەلدىن شادلىقتىن باقمىدى كۈلۈپ.
ئادەملەر رەھىمىسز جاھانكەن زۇلمەت،
شۇندىمۇ ياشىدىم كەتمىدىم ئۆلۈپ.

ئاھ دەيمەن كۈنلىرىم ئاچچىقتا ئۈتەر،
دىلىمدىن ئاغرىقلار قاچانمۇ كىتەر.
قينىما ئەي كۆڭلۈم ئېچىلىپ كۈلگىن،
بولدى بەس كۆرگەن شۇ ئاغرىقىم يىتەر...

2007-يىل7-ئ‍ىيۇن
     





37 قېتىم كۆرۈلدى margimux ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-9-20 11:58:06  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ