تاپمىدىم
دىلزات ئابدۇماناپ
كۈندە ھاراق ئىچىپمەن ئۆزگە خىسلەت تاپمىدىم ،
(ھاراقكەش )دىگەن ئاتاقتىن ئۆزگە نىممەت تاپمىدىم،
كۈندە قاۋاققا يۈگرەشتىن ئۆزگە خىزمەت تاپمىدىم ،
كوچىلاردا دۈم يېتىشتىن ئۆزگە قىسمەت تاپمىدىم ،
لەنەت ئالدىم ئەلدىن تالاي ،ئۆزگە قىممەت تاپمىدىم .
تۆت تەڭگىلا پۇل تاپسام يۈگۈردۈم مەن قاۋاققا،
كۆپۈكنى ھەم ئوخشىتىپ يۈردۈم ھەتتا قايماققا ،
پۇت- قوللىرىم ئالمىشىپ ئۆيۈم قالدى قاياقتا،
نوچىلىق قىلىپ ئۆزەمچە ئۆلەي دىدىم تاياققا ،
شۇڭا تۆلەم پۇلىدىن باشقا ھىممەت تاپمىدىم .
مەستچىلىكتە مەرد بولۇپ ،پۇل خەجلەپ مەن ئاۋارە ،
لېكىن بېرەر قەرزىم كۆپ ئۆيۈممۇ ھەم ئىجارە ،
بالامغىمۇ خەجلە دەپ پۇل بەرمىدىم نە چارە ،
ھاراق قىلدى مېنى پەس ،ھەم شۇنچىلىك بىچارە ،
شۇڭا ئەلنىڭ ئالدىدا قىلچە ئىززەت تاپمىدىم .
ئۆز ئۆيۈمدەك بىر ماكان قىلىۋالدىم قاۋاقنى ،
گاھ مىلىنىپ پاتقاققا ،تەتۈر كىيدىم ئاياقنى ،
ئۆيگە كېلىپ جار سېلىپ چاقتىم چىنە تاۋاقنى ،
ئويلاشمىدىم بېشىمدىن ئۆتكەن ئاچچىق ساۋاقنى ،
ئاتا -ئانام كۈتكەندەك ئارزۇ -مېھنەت تاپمىدىم.
ھەر رومكىنى بىر ئىچىپ چىقتى تالاي سەتچىلىك ،
چاقچاق قىلدىم قىزلارغا بولغاچ ئېغىر مەستچىلىك ،
ۋىجدانىمغا دەز كەتتى يامراپ كەتتى پەسچىلىك ،
ئائىلەممۇ بۇزۇلدى بۇ نىمانچە تەسچىلىك ،
ئەمدى توۋا قىلىشتىن ئۆزگە زىننەت تاپمىدىم.
ئەمدى تاپاي ئەقلىمنى،ھالال ياشاي بولدى بەس،
قىممىتىم يوق ياشاشمۇ ماڭا ئەجەپ بولدى تەس ،
كەيىپ ماڭا بولمىسۇن مەڭگۈلۈككە ھەمنەپەس ،
شەيتان مەندىن نېرى تۇر ،سەندىن بولاي مەن پەخەس ،
چۈنكى ھاراق ئىچىپمەن قىلچە ھۆرمەت تاپمىدىم .
تۈزىتەي ئەمدى شۇڭا ، تۈگەشمىسۇن قىممىتىم ،
ياراملىق ئادەم بولاي پەخىرلەنسۇن مىللىتىم ،
ئاتام بىلەن ئانامغا جاۋاپ بەرسۇن زىننىتىم ،
قۇراي ئىللىق ئائىلە ، يوقالسۇن بۇ ئىللىتىم ،
چۈنكى ئۆيدەك ئېسىل بىر پارچە جەننەت تاپمىدىم .
دىلزات ئابدۇماناپ (ئەركە )
2015.10.12j
| 109 قېتىم كۆرۈلدى | delzat8 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2015-12-17 0:54:07 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|