ئاياللار دېگەن
ئاياللار بايرىمغا بېغىشلايمەن
مەمەتجان سەمەت
دۇنيانىڭ زىننىتى ئاياللار دېگەن،
گۈللەرنىڭ سەرخىلى ئاياللار دېگەن.
ئاياللار بولمىسا نە بولۇر سۆيگۈ،
كۆڭۈلنىڭ جەۋھىرى ئاياللار دېگەن،
كۆڭلىگە بەرمىگىن پەقەتلا ئازار،
قەدرىگە يىتىپسەن يىغلاتما زار.زار.
ئايال يوق ئۆيلەردە بولمايدۇ باھار،
ئۆيۈڭنىڭ بەركىتى ئاياللار دېگەن.
تاپقاندا مال دۇنيا كەتمىگىن تاشلاپ،
دەردىڭدە يۈرمىسۇن كۆزىنى ياشلاپ.
ئۇنۇتما ھەر دائىم قەلبىڭدە ساقلاپ،
غەلبەڭنىڭ شان شەرپى ئاياللار دېگەن.
بېشىڭغا چۈشسە غەم تەڭ بىللە يەيدۇ،
چۆرگىلەپ يېنىڭدىن ئەسلا كەتمەيدۇ.
ئۇ بولسا چېھرىڭدىن كۈلكە يۈتمەيدۇ،
خۇشاللىق ئەلچىسى ئاياللار دېگەن.
ئېتىپ بەرسە ئوخشۇتۇپ ئېسىل تاماق،
قۇسۇر تېپىپ ھەرگىز تۈرمىگىن قاپاق.
تاشلاپ كەتسە يامانلاپ ئىشڭ چاتاق،
ياقتۇرماس ئەسكىنى ئاياللار دېگەن.
قەدىرلە ھەر ۋاقىت بار كۈچۈڭ بىلەن،
بەك نازۇك ئۇلارنىڭ گۈل قەلبى دېگەن.
ئاياللار بولغاچقا بۇ ھايات گۈزەل،
ئەركەكلەر لەززىتى ئاياللار دېگەن.
ئاپتورى : مەمەتجان سەمەت
ئۈندىدار : چ چ . 308381500
ئەمگىكىمە ھۆرمەت قىلىڭ نامسىز قىلماڭ
345 قېتىم كۆرۈلدى | مەمەتجان سەمەت | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-3-7 18:10:51 | :يوللانغان ۋاقتى |
2017-3-10 7:09:28 | قۇرباننىسا ياسىن |
شېرىڭىز بەك مەنىلىك ياخشى چىقىپتۇ سىزگە ئۇتۇقلا يار بولسۇن |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|