جۇدالىق زارى

جۇدالىق زارى

 

ئەركىن ئابدۇكەرىم ئۆچمەس ئوت

(چەرچەن ئۈمىد نۇرى خەير ساخاۋەت ئەترىتىنىڭ قۇرغۇچىسى تۇرسۇنجان توختى ۋاپاتىغا )

 

سەھەرلىرىم چۆمدى ماتەمگە،

 يۈرۈكۈمدە جۇدالىق زارى.

ئاجىز كەلدۇق ئۈلۈم ئالدىدا،

شۇنداق ئىكەن قىسمەت قارارى. 

 

 ھايات شامىڭ ئۆچتى ۋاقىتسىز،

 پەرزەنتىڭمۇ ھەمرا يىنىڭدا.

بىللە ماڭدى ھەتتا ئايالىڭ،

 ساڭا ھەمرا ئىككىلى دۇنيا.

 

قالدى يارەن قالدى قېرىنداش،

 قالدى پىخان ساقايماس ئازاپ.

مۇزلاپ كەتتى چەرچەننىڭ باغرى،

 كۆز يىشىدىن زىمىنمۇ توڭلاپ.

 

قالدى سەندىن تالاي ياخشىلىق،

ئەل ئۇنۇتماس باسقان ئىزىڭنى.

مىسكىنلەرگە مېھرى تاراتقان،

 ساخاۋەتلىك قىلغان ئىشىڭنى.

 

 يىغلاپ قالدۇق چىدالماي پەقەت،

 ھازىداردۇر تىكەس ئاسمىنى.

 ھازىداردۇر بۇ دىيار بۈگۈن،

بىزدە ئارمان ئۈنسىز قالغىنى.

 

دۇئا قىلدۇق رەببىمدىن تىلەپ،

جەننەتلەردىن ئورۇن بەرسۇن دەپ.

 سىلەر ھايات ئەلنىڭ قەلبىدە،

 تۇرار مەڭگۈ سېغىنىپ ئەسلەپ.

 





116 قېتىم كۆرۈلدى mahbuba ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-30 17:30:18  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ