يۈرۈكۈمگە سۆز - زۇلخۇمار خۇرشىد

يۈرۈكۈمگە سۆز

 

زۇلخۇمار خۇرشىد

 

شامال خۇددى دەرەخلەرنى قومۇرماقچى بولغاندەك ،

گۈركىرەيدۇ ،

 ھەيۋىسى بىلەن .

 يۈرۈگۈم شامال بىلەن قاچماقچى گويا،

 لەپپەڭشىيدۇ ،

تىنىمسىز شۇ دەم .

 

نىدا قىلدىم

"توختا، بۇ نە سەۋەپ؟ "

 ئ‍ۇ، ئېيىتتى ،

 "ئ‍ازاپلاردىن قۇتۇلسام بىر رەت"

قۇتۇلمايسەن ،

قۇتۇلۇش ئۈچۈن يارالمىغان سەن !

سەن،

 چىداش ئ‍ۈچۈن يارالدىڭ !

 

ۋارقىرىدىم پىغانلىرىمنى يوشۇرۇپ قالالمىغاچ،

 گۈلدۈرماما ،

قاتتىق غەزەپكە كەلگەندەك ،

 ئ‍ازاپلىرىمغا ھەم چىداپ تۇرالمىغاندەك ،

يەر جاھان تىترىدى گويا !

 

 پەريادلىرىم گۈلدۈرمامىغا قوشۇلدى …

يامغۇر، كۆز ياشلىرىمنى ئ‍ېيتىپ قويماقچى ،

 پىغانلىرىمنى يوشۇرۇپ قالماقچى ،

 تىترىگەن جىسمىمنى قۇچاقلىماقچى …

 

 ئ‍ۆزۈمگە ئېيتتىم ،

 "ئەتە ،

شامال ،

 گۈلدۈرماما ھەم يامغۇر ھەممىسى كېتىدۇ ،

 سەنلا قالىسەن يۈرۈگۈم،

 ھەممىگە چىداپ!"

 

قەلەمدە -زۇلخۇمار خۇرشىد





631 قېتىم كۆرۈلدى زۇلخۇمار خۇرشىد ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-7-31 5:10:52  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-9-6 15:14:48 买丽克依
写的真棒
2016-8-31 19:12:37 سەنسىز 99
شۇنداق ھېسياتلىق يېزىلىپتۇ . داۋاملىق يېزىپ تۇرۇڭ دوستۇم !
2016-8-3 14:14:44 missran
شىېرىڭىز بەكمۇ قالتىس چىقىپتۇ..ھەقىقىتەن ساپ ھىسىياتتىن لىرىكا چىقىدۇ جۇمۇ…ھەممىسى ھىسسىياتكەن شىېردىكى.سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن
2016-8-3 14:12:27 missran
شىېرىڭىز بەكمۇ قالتىس چىقىپتۇ..ھەقىقىتەن ساپ ھىسىياتتىن لىرىكا چىقىدۇ جۇمۇ…ھەممىسى ھىسسىياتكەن شىېردىكى.سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن
2016-8-3 2:15:33 missran
شىېرىڭىز بەكمۇ قالتىس چىقىپتۇ..ھەقىقىتەن ساپ ھىسىياتتىن لىرىكا چىقىدۇ جۇمۇ…ھەممىسى ھىسسىياتكەن شىېردىكى.سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن
2016-8-3 2:10:57 missran
شىېرىڭىز بەك پەيزى چىقىپتۇ،ئالاھدە ياخشى.ھەقىقىتەنمۇ ساپ ھىسىياتتىن لىرىكا چىقىدۇ جۇمۇ.سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن…
2016-8-3 2:06:57 مىسىران
شىېرىڭىز ھەقىقىتەن بەك پەيزى چىقىپتۇ،ئالاھىدە ياخشى.ساپ ھىسىياتتىن لىرىكا چىقىدۇ…سىزگە ئامەت يار بولسۇن
2016-8-1 11:52:00 تۇرسۇنئاي
ئىنتايىن ياخشى يېزىلغان شېئىر … ھوزۇرلاندىم ، دوستۇم … داۋاملىق تىرىشىڭ، بىز سىزنى قوللايمىز 🌷🌷🌷
2016-8-1 11:17:19 ahatjan
bak yahxi yezipsiz zulhumar
2016-8-1 2:21:10 زۇلخۇمار
كۆپچىلىك سىلەردىن سەمىمىي كەچۈرۈم سورايمەن ،ئەسەرنى كەچتە يازغان بولغاچقا دىققەت قىلماي ئ‍ازراق ئ‍ىملا خاتالىقى يۈز بېرىپتۇ ،ئ‍ېغىر كۆرمەي تۈزۈتۈپ ئ‍وقۇشۇڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن .
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ