دىلرەبا

دىلرەبا

 

يۈرىكىم پارەمسەن جانىم دىلرەبا،

بار سەندە گۈزەللىك بار سەندە ھايا.

 يۈرىكىم قېتىغا سىڭدىڭ قەۋەتلەپ،

 بولغايسەن بالامغا مېھىرلىك ئانا .

 

بولايلى مۇھەببەت بېغىدا بىر جۈپ،

 مۇھەببەت كۆلىدە بېلىقتەك ئۈزۈپ.

 تىز پۈكمەي ماڭايلى بۇ مۈشكۈل يولدا،

كەلگۈسى،بەخىتنى،نىكاھنى كۈتۈپ.

 

 دىلمدا ۋەدىلەر قەسەملەر ئۆچمەس،

 سۆزلىرىم چاخچاخمۇ ئويۇنمۇ ئەمەس.

 چىن يۈرەك قېتىدىن ئۇرغىغان سۆزلەر،

 يىگىتنىڭ قەسىمى بىر ئۆمۈر ئۆلمەس.

 

 قولۇمنى چىڭ تۇتقىن مەن سېنىڭ بەختىڭ،

 قەدىرلەي مەن سېنى سەن مېنىڭ تەختىم.

 تىلەيلى بىر ئۇلۇغ ئاللاھتىن بەخت،

 سەن مېنىڭ تەختىمسەن سەن مېنىڭ بەختىم .

 

-جۈرئەت(سەۋىر)





265 قېتىم كۆرۈلدى 1366914514 ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-18 0:32:32  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ