بىرىپ ئۆلگىن تېرۇرچى (شېئىر) - مۇھەممەتنىياز

بىرىپ ئۆلگىن تېرۇرچى

مۇھەممەتنىياز(چارەك)

تەستە كەلگەن بەخىتنى گۇمران قىلغان تېرۇرچى،
ئاسايىشلىق تۇرمۇشنى خۇمدان قىلغان تېرۇرچى،
كۆڭۈللەرگە ئازار بېرىپ پەيخان قىلغان تېرۇرچى،
تېچلىق كۆڭۇل ئۇماچنى يوبدان قىلغان تېرۇرچى،
تېرىپ  يۇرىتقا تالاپەت  ۋەيران قىلغان تېرۇرچى،

چەتئەل بىلەن تىل باغلاپ نادانلارنى قۇتراتتىڭ،
سۆزلەپ پىتنە مەئىشەتنى ئۇغا زەھەر ئوتلاتتىڭ،
تەرىك ئەتكۇزۇپ ئەمگەكنى خانىقادا توختاتتىڭ،
يېتەكلىگەن رەھبەرلەرنى ئالۋاستىغا ئوخشاتتىڭ،
بوياپ ئەلنىڭ كۆزلىرىنى ئەپئان قىلغان تېرۇرچى.

پارتىيىمىز ئېرىشتۇرگەن بىزنى ياخشى تۇرمۇشقا،
دەل ئەكسىنچە ئۇرۇندۇڭ شۇ تۇرمۇشنى بۇزۇشقا،
قارشى چىقتىڭ قەبىلەرچە ئولتۇراق ئۆي قۇرلۇشقا،
مەھكۇم قىلىش مەخستىڭ ئەلنى ئەنسىز ئۇرۇشقا،
پىتنە ئىغۋا سەپسەتىسنى پەرمان قىلغان تېرۇرچى.

نادانلارنى قايمۇقتۇرۇپ ئەجەل بەردىڭ ئورنىغا،
تېرىپ قويوپ تالاپەتنى ياتتىڭ چەتئەل قوينىدا،
مىنىش ئىدى مەقسەتلىرىڭ نادان ئەلنىڭ بوينىغا،
چەتئەللىكلەر بەرمەس يارماق ئېسىلىشقا شوينىغا،
پاناھلىققا جاي تاپالماي نىمجان بولغان تېرۇرچى.

ئاشكارلاندى مەقسىدىڭ ھېلەڭ ئەمدى ئاقمايدۇ،
كۆتۇر ئاقماس سەپسەتە ھەرگىز  بىزگە ياقمايدۇ،
سەن باشلىغان تۇيۇق يوللار ئەل رايىغا باقمايدۇ،
بازار كاسات سودىگەرمۇ جىلباپلىرىڭنى ساتمايدۇ،
ھەقىقەتكە مۇش ئېتىپ سايخان بولغان تېرۇرچى.

قىلغان ئىشڭ قۇياشنى ئىتەك بىلەن ياپقاندەك،
دېڭىزلارنىڭ سۇيىنى كۇپكە ئۆلچەپ باققاندەك،
سېنى باقساق قوي بىلەن بۆرىنى بىللە باققاندەك،
ئۇر-ئۇر قىلمىز كۆرسەكلا كۇچىدىكى چاشقاندەك،
توشتى ئەمدى ئەجىلىڭ، بىرىپ ئۆلگىن تېرۇرچى.






305 قېتىم كۆرۈلدى مۇھەممەتنىياز (چارەك) ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-17 22:01:52  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-4-21 14:28:28 گۆھەر
دەل ھەقىقەتنى يېزىپسىز،قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن،بەك ياقتۇردۇم،،تېرورچىلارغا مەنمۇ ئۆچ
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ