ساراي ۋە كەپە

ساراي ۋە كەپە 

ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى 

نەسىر        

كۆزنى قاماشتۇرىدىغان كاھىشلار بىلەن بىزەلگەن ، رەڭدار چىراقلار ئىسىلغان ، خۇشپۇراق ھىدلار كىلىدىغان بۇ ماكان قەسىر . پادىشاھلار ، بايلار ، ئىشقىپ يۇقۇرى سەۋىيەلىك توپنىڭ تۇرار جايى .
بۇ جايدا ئۈستىگە ئالتۇن جاۋاھىراتلاردىن بىزەك تاقىغان ، خانىش كەبىي ھايات پەيزىنى سۈرىدىغان خانىملار . نەچچە قات كۆرپە ئۈستىدە سۇنايلىنىپ يىتىپ غۇلاملارنىڭ دوكىلاتلىرىنى ئاڭلايدىغان بەگ -  غوجاملار ئۆزىچە ھايات مەئىشەتلىرىنىڭ غوجىدارلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئىلىشقان .قىززىق يىرى ئۇلار ئۆز بايلىقىنى قەسىر سارايلىرى ئارقىلىق نامايەن قىلىشقا ئامراق بولغىنى بىلەن   ئەتراپىدىكى شۇ مىھنەتكەش  قوشنىلىرىدىن خۇدىكسىرەپ قەسىرى ئەتراپىغا ئىتلارنى قويىشىدۇ دە، شۇلارنىڭ مۇھاپىزەت قىلىشى ئاستىدا بۇ قەبەستە بىر ئۆمۈر ياشايدۇ . ئۇلار  نەچچە مىڭ چاقىرىمدىكى قايسىدۇر بىر بەگ - غوجاملار بىلەن يىللاردا بىر قىتىم شاراپ زىياپىتىگە داخىل بولسا ئالەمچە ھۇزۇر ھىس قىلىدۇ . لېكىن كۈنلەرنىڭ بىرىدە قەبىرلىرىنى قىزىپ ، جەسەتلىرى ئارزۇلاپ بىشىدا كۆتۈرىدىغان شۇ قوشنىلىرىدىن نىجاسەتتىن يىرگەنگەندەك ئۆزىنى قاچۇرىدۇ .
مانا ، بۈگۈن بۇ قەسىر ئاجايىپ قايناق . قوشنىلار بۇنىڭغا ھەۋەسلىنىپ قاراپ تاماقلىرىنى چىكىشىدۇ . ھەشەمەت ماشىنىلاردا ئولتۇرىشقان ، ئىغىر ، لېكىن ھەۋەس بىلەن تاقىشىدىغان ئالتۇنلارنى ھاغىچە كۆتۈرگەن نازىنلار ھەسرەتلىرىنى ئۇپا - ئەڭلىكلەرنىڭ ئاستىغا يوشۇرۇپ ساختا كۈلكىلەر بىلەن يۈرىشىدۇ ، لېكىن كۆزىدە ھەسەت ئوتلىرى يالقۇنجايدۇ .
شۇنداق قىلىپ بۇ قەسىر بۈگۈن بەزمە بىلەن كۆپ بەگ - غوجاملارنى ، خىنىم -  ئاغچىلارنى كۈتىۋالدى . ھەممە دەسلەپ قەسىرنى زوق شوخ بىلەن ماختىدى ، لېكىن كۆڭلىدە بۇ شاھانە قەسىرنى ئۆزىنىڭ  توخۇ قەبىزىگىمۇ تەڭ قىلمايتتى .
بەزمە باشلاندى . بايا نازلىقى بىلەن مىڭىپ سۈپىتىنى چۈشۈرمىگەن ئىسىلزادىلەر ھەشەمەت سورىنىغا ۋەشھىلەرچە ئىتىلدى ، بۇلار ئالدىدا نەچچە كۈن ئاچارچىلىقتا جان تالاشقان بۆرىلەرمۇ ھىچ نىرسە ئەمەس ئىدى . ئەيشى - ئىشرەت داۋام قىلماقتا ! ئۈستەلدە نازۇ نىمەت ، شاراپ ، ھەممە مەست - ئەلەس بولىشقان . بەدبۇي شاراپلارنىڭ قاڭسىق ھىدى ئەتراپنى بىر ئالغان . مالايلار بولسا پۇت - پۇتىغا ، قولى - قولىغا تەگمەي تۆت پۇتلارچە يۈگۈرمەكتە . ئۇلار سەھەردىن بۇيان ئىغىزىغا تىرىق سالمىغان !!!!!
ئەتىسى چىڭقى چۈشنىڭ پىژغىرىم ئىسسىقلىرىدا ھەممە ئوغرى مۈشۈكلەرچە قەسىردىن ئايرىلىپ مەنزىل تامان يۈرۈپ كەتتى . كۆزلىرى قىزىرىپ ، لەۋلىرى گەز باغلىغان مالايلار ئۇلارنى ئۇزۇتۇپ چىقىشتى .

قۇياش غەرىپ ئاسمانلىدا ئىسىلىق تۇراتتى .تاغ قاپتىلىدىكى قۇمۇچتىن ياسالغان ، ئۆتمە - تۆشۈك بوپ كەتكەن كەپە  . بۇ مىھنەتكەشلەرنىڭ تۇرالغۇسى ، ئۇنىڭدا ھالال قانتەرى بىلەن رىزىقلىنىدىغان ئەر -  ئايال تۇرىدۇ . ئەرنىڭ ساقال باسقان يۈزلىرى ، پىشانىسىدىكى يول - يول يىللار ئىزنالىرى ئۇنى نەۋقىرانلىق ماقامىغا يەتكۈزگەن بولسا ، لەۋلىرى چاك - يىرىلىپ ، قوللىرىنى قاداق باسقان ، قۇرۇق ، ساختا بىزەكلەردىن خالىي ، لېكىن كۈزەللىكى پارلاپ تۇرىدىغان ئايالنى خانىشلىق ساھىبى قىلغان .
كەپىنىڭ قۇمۇشتىن ياسالغان تورىسى شاماللار چىقسا ئەنسىز ئىرغاڭلايدۇ . لېكىن شۇ ئايال ھىچ ئىش بولمىغاندەك ئىشلىرىنى داۋام قىلىدۇ .
زىمىنغا تۈن پەردىسى يىلىلغان چاغ . لاي - لاتقىلىق كىيىملىرى بىلەن ئەر كەپىنىڭ ئىشىكىنى چەكتى ، قولىدا خورجۇن . ئىشىك ئىچىلدى ، ئايالى بىلەن خۇشچىراي كۆرۈشۈپ   ، ئوچاق ئالدىدا قوللىرىنى ئوتقا قاقلاپ ئولتۇرغان بالىلىرىنىڭ ئارىسىغا سىڭدى .
بىرئازدىن كىيىن غىزا تەييارلاندى ، ئەلۋەتتە ، بۇ قوناق ئۇنىدىن تەييارلانغان ئۇماچ ۋە زاغرا نانلار ئىدى . بىر ئائىلە كىشىلىرى توپىدىن ياسالغان سوپا ئۈستىدە غىزالاندى ، ئەتراپنى ئوت يالقۇنى يورىتىپ تۇراتتى . مىھىرلىك تاماقلىرىدىن كىيىن ئۇيقىغا قىتىشتى .
سەھەر خوراز چىللىشى بىلەن ئايال ئورنىدىن تۇرۇپ ناشتىغا تۇتۇندى . ناشتىدىن كىيىن ئەر ئىتىزغا ، بالىلار مەكتەپكە قاراپ يول ئالدى ، ئايال يىپ ئىگىرىش بىلەن بەنىت بولدى .

تاغ ئارقىسىدىن قۇياش كۆتۈرۈلدى . ئوتتەك ئاپتاپ ئىتىزدا ئىشلەۋەتقان ئەرنىڭ ماڭلىيىدىن تەر تامچىلىرىنى ئاققۇزدى . بۇ ۋاقىتتا ھىلىقى قەسىردە باي غوجام ، خىنىملار ياستۇقنى قىرلاپ پۇشۇلداپ ئۇخلاۋاتقان ، مالايلىرى پەي يەلپۈگۈچ بىلەن تىنماي يەلپۈۋاتقان ئىدى .

مانا ، بۇ ئوخشاش ئادەملەرنىڭ ئوخشىماس ھايات يولى . لېكىن بىرى تىراگىدىيە ، بىرى بەخت!!! 


   

ئاپتۇرى  : ئابدۇقەييۇمجان (ئەختەر )

ئۈندىدار : 2041420589

2017- يىلى 5- ئاينىڭ 23- كۈنى   ئۈرۈمچى .


     





190 قېتىم كۆرۈلدى AHTAR ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-5-23 11:35:12  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ