ياراتماپسەن سەھرالىق دەپ ئاڭلىسام
ئادىلجان ئابلاخمەت
ياراتماپسەن سەھرالىق دەپ ئاڭلىسام،
گۇناھىمۇ سەھرالىق بۇپ قالغىنى ،
بۇلمىسا گەر ئاشۇ داڭگال سەھرالىق ،
ساڭا تەييار تۇرغان ئوزۇق ئاش قىنى .
سۇرۇشتۇرسەڭ سەنمۇ تىگى تەكتىڭنى ،
تۇتىشىدۇ ئاشۇ گۇزەل سەھراغا ،
ئايلانغاندۇ بەلكىم ئۇچۇم تۇپراققا ،
ئاتا بۇۋاڭ ئاشۇ كەڭرى سەھرادا .
كۇلۇپ تۇرغان سەھرالىقنىڭ جۈپ كۆزى ،
ياخشىلىقلار ئىزدەپ تۇرار تىنىمسىز ،
ھايات ئۇچۇن كۇرەش قىلىپ ھەر كۇنى ،
سۇقۇپ تۇرار ئۇت يۇرىكى رېتىمسىز .
ئاق نانغىلا ئۇخشار ئۇنىڭ كۇڭلىمۇ ،
ئۇيلىمايدۇ ساڭا ھەرگىز يامانلىق ،
قالسىمۇ گەر ئۇزى جۇدۇن قارلاردا ،
تىلەر يەنە ساڭا مەڭگۇ ئامانلىق .
ئۇ قىلىدۇ ھامان سىنىڭ قەدرىڭنى ،
شۇڭا ئۇنى پەس كۇرمىگىن ئەزىزلە ،
بۇلساڭمۇ سەن كاتتا ئىسىل بايلاردىن ،
ئۇ بەرگەن ئاش ئوزۇقىنى قەدىرلە .
2016-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۇنى (يەكشەنبە )
| 70 قېتىم كۆرۈلدى | abral | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-9-27 14:42:25 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|