ئانا سەن نەدە؟
لىرىك نەسر
ئابلىمىتجان ۋاھاپ
ئانا مەن يالغۇز قالدىم نەدە سەن …!
ھەر قېتىم تاماققا چىققان چاغلىرىم ،دەمئلىش كۇنلىرىمدە ،بازار ئايلانغا ۋاقتلاردا،كىچىللىرى ئۇيقۇدىن كۆزۇم …!
ياق ئۆزۇم ئۇيقىدىن قاچقان ۋاقىتلاردا ئانا نەدە سەن ……؟
ئانا سەن يىراقتا ، ناھايتىمۇ يىراقتا،مەن ۋاپاسىز سىنى يىراققا تاشلاپ كەتتىم ،ئۆزۇمنىلا ئويلاپ ،كەلگۇسۇمنى ئويلاپ سىنى تاشلاپ كەتتىم ،ھەرقىتىم بىر ئوڭۇشسىزلىققا يولۇققاندا ئانا سەن نەدە؟سىنى كۆرگۇم كەلدى دىگۇللىرىم كىلىدىيۇ ! ئەمما يۇرۇگۇم بۇ نىدالارنى ئىغىزىمغا يەتكۇزۇپ بىرەلمەيدۇ ، ساڭا ئىيتقان يۇرۇگۇمنىڭ نىدالىرى قەلىب تۆرىمدىن ئورۇن ئالىدۇ،بىراق ساڭا
دىيىشكە تىلىم بارمايدۇ ئانا ……
يىقىنلىرىمدىن دىلىم سۇنغاندا ، سەن بىلەن ئۆتكەن شۇ ۋاقىتلارنى ،سىنى قۇچاقلاپ سۆيگەن شۇ چاغلارنى ،قۇچىقىڭدا ئەركىلەپ ئانا دەپ بوينىڭغا ئېسىلغان چاغلىرىم،
يادىمغا كىلىدۇ ئانا…!
ھاياتىمدا ئۆچمەس ئىزنا قالدۇرغان زات سەن ئىدىڭ، مانا بۆگۈن ماڭا يار يۆلەك بولمىدىڭغۇ ئانا ! ياق - ياق ئانا ، بۇنى سەندىن كۆرسەم بولمايدۇ،بۇنى مەن ئۆزۇمدىن كۆرەي مەن باغرى تاش، باشتىلا سىنى تاشلاپ چىقىپ كەتكەن ، كەلگۇسۇم ئۇچۇن دەپ چىقىپ كەتكەن ئانا ،بۇلارمۇ ماڭا ھەق…!
يىقىن دوسلىرىم كىچىككىنە ئىشلارنى دەپ مىنى ئەيىپلىگەندە ،چوڭ ئىشلارنى قالايمىقانلاشتۇرساممۇ ،ھىچقىسى يوق بالام ئوڭشىۋىتىمىز ،ئوڭشىۋالايلى ،كىلەر قىتىم ئۇنداق بولمايدۇ دەيدىغان ئانام،ئەمدىلىكتە سەن قىنى …!بۇنداق چاغلاردا سەن ئاۋازىمنى ئاڭلىيارسەنمۇ ئانا؟يۇرۇگىمنىڭ ساداسىنى سەن تۇيارسەنمۇ ئانا ؟ئاجىز يۈركۈمنىڭ شۇنداق نىدا قىلۋاتقانلىقىنى بىلەرسەنمۇ ئانا ............
ئانا سىنىڭ، مەن ھەركۈنى ئەتىگەندە ئۆيدىن چىققان ۋاقىتىمدا، ئامان بول بالام دەيدىغان ئاۋازلىرىڭ ھەر بۇسۇغنىڭ ئالدىغا كەلگەندە قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلايتى.....
ئەمدىلىكتە بولسا ياتىقىمدىن ئەتتىگەندە ئوقۇتۇش بىناسىنى نىشانلاپ بوسۇغىدىن چىققان چىغىمدا ماڭا سەندەك ئاقيول تىلەپ، پىشانەمگە يىنىككىنە سۈيۇپ مەكتەپكە يولغا سالىدىغان ئايال زاتى يوق ئانا……!
ئۆيدە سىنىڭ ئەتكەن ئىسسىق ناشتىلىقلىرىڭنى قىرىنداشلىرىم بىلەن كۇلكە چاقچاق ئارلاش ئىچىشىپ،يىيىشىپ ،كۇندە دىگۇدەك ناشتىلىقنى ئىسسىق ۋاختى ۋاختىدا قىلاتتىمغۇ ئانا……!
ھازىر كۆنۇپلا كەتتىم ،سوغۇق سەيلەر، ئالدى ئىسسىقلىقىدىن يىنشقا باشلىغان ناشتىلىقلار،چاينىغانسىرى ئاغزىمدا كۆپىيىدىغان تاماقلار،بۇنداق چاغلاردا …!
ئانا نەدە سەن ، مەن مۇشۇنداق ناشتا قىلىۋاتىمەن،بۇ تاماق ئانچە ئوخشىماپتۇ دىگەنلەرنى ئويلايمەن،دەل شۇ چاغلاردا مىنىڭ سىنىڭ ئەتكەن ناشتىلىقلىرىڭنى ئىزدەۋاتقانلىقىمنى سەزدىڭمىكىن تاڭ ماڭا تىلفۇن قىلاتتىڭ ئانا،مەن سىنى مەندىن ئەنسىرەپ كەتمىسۇن دەپ ،ناشتىلىقلىرىم ياخشى ئانا،تاماقلىرىمچۇ دەپ بولىشىغا ماختاپ مەكتەپ ئاشخانىسىنى ئۇچىرىۋىتىمەن ئانا ،ساڭا دىگەنلىرىم بولسا سىنىڭ تەتىل كۇنلىرىمدە ئۆز قولۇڭ بىلەن ئىتىپ بەرگەن تاماقلىرىڭ ئىدى ئانا،بۇ سۆزلىرىمدىن خۇشالسەن…
ئەمما مىنىڭ دىگەنلىرىمنىڭ ھەممىسىنى ئۆزۇڭنىڭ ئەتكەن تاماقلىرىڭ ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقمىغانسەن ئانا…!
……
سەن يوق بولسىاڭمۇ ھەممە ئىشنى گەپ يوق قىلىپ كىتەلەيمەنغۇ،مەن چوڭ بولدۇم دەپ سۆزلەتكۇزگەن،مەندىكى ھىلىقى تاغدەك ئىشەنچ غايە ئىتقادلىرىم سىنى قالدۇرۇپ ،تاشلاپ كەتكەن كۇنلىرىمدىن باشلاپ قاياقلارغىدۇر غايىپ بولدى .
ئانا سىنى بەك سېغىندىم ،پەرىشتىلەنىڭكىدەك مىھرىبان قەلبىڭنى ،مىھىر قۇياشىدەك ئىللىق تەبەسسۇمىڭنى تولىمۇ سېغىندىم . ئانا سىنى چۈشلىرىمدە كۇندە كۆرۇشكە تەشنامەن ، چۇشلىرىمدە بولسىمۇ بىللە بازار ئايلىنىپ بەرسىكەن دەيمەن ئانا …!
ئانا نەدە قالدىڭ ،مەن سىنى مىنى بىقىپ چوڭ قىلغان يەردە تاشلاپ كەتتىمغۇ ئانا ……
مەن بىلىمەن… ئانا سىنى مەن تاشلاپ قالدۇرۇپ قويغان يەردە سەن، ئۇ يەرنى مەن بىلىمەن ،يىنىڭغا كۇلۇپ قايتىپ بارىمەن ئانا ،مەن شۇنچىلىك قەيسەرلىكنى ئۇگىنىۋاتىمەن ،مەن تاۋلىنىۋاتىمەن ………
ئانا سەن نەدە …؟
مەن بىلىمەن ئانا، سىنى تاشلاپ قويغان ئۇ يەرنى مەن بىلىمەن ……!
2017يىلى4ئاي
مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار : 2041420589
61 قېتىم كۆرۈلدى | tanhaturna | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-4-30 8:59:56 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|