«قار»دىكى كۈتۈش
تۇرسۇنجان قايىم «ئىقبالى»
تۇنجى قار ئۇچقۇنى چۈشمەكتە لەپ-لەپ،
ۋۇجۇدۇم تىترىدى يارسېنى ئەسلەپ.
لېۋىمنى چىشلىدىم ئەنسىز ئىچىدە،
تەلمۈردۈم يولۇڭغا ئۆزۈمنى بەزلەپ.
ساقلىدىم ئولتۇرۇپ زارىقىش ئىچرە ،
يۈرىكىم كېتەيلا دېدې يېرىلىپ.
بۇ ئاجىز تىنىمگە ئولاشتى ھىجران ،
كۆزۈمدىن مونچاق ياش چۈشتى سىيرىلىپ.
بەك ئۇزاق قارىدىم كەلمىدىڭ جېنىم ،
سىمايىڭ ئەسلا يوق ،بەرمىدىڭ خەۋەر.
كۆكنىڭ قەرىدىن سىرغىغان ئۇچقۇن ،
لېۋىمگە شۇنچە سوغ تەگكەنگە قەدەر…
2016-11-22-كۈنى چۈش
71 قېتىم كۆرۈلدى | ihbali | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-11-22 13:48:46 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-11-25 12:29:01 | ayimgvl |
بەك ياخشى يېزىلىپتۇ |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|