سەن كەتكەن كۈنى
ئەكبەر ئىدرىس ئەرچىن
سەن كەتكەن كۈنى
كەتكىنىڭنى بىلمەي قالىمەن
گويا ساڭا ئاشىق بولغىنىمنى سەن بىلمەي قالغاندەك
كىچىكىپ ساڭا گۈللەر سۇنىمەن
لىكىن ساڭا تۇيۇلىدۇ يالغاندەك ……
سەن كىتىسەن
ھىس قىلىمەن ئۆزۈمنى جاھاندا يالغۇز قالغاندەك
پىژىلداپ توختاپ قالىمەن
گويا قىززىق تۆمۈرنى سۇغا سالغاندەك …
كىتىسەن
كەتمە دىيىشكە سالاھىيەتمۇ بەرمەيسەن
ئىچىمدىكى ئوت كەتكەن چۆلنى
يالاڭ ئاياق كەزمەيسەن
ھەر كىچە ياستۇقۇمغا گۈل كەشتىلەيمەن
يۈرىكىڭگە يىڭنە سانجىلدۇ سەزمەيسەن …
چۇقان سالىمەن
سىنى مىنىڭ ھاياتىم دەپ داۋراڭ سالىمەن
چىشلىرىمدا غەزەپ پىچىقىنى بىلەپ
پىنھان شۇ ئەبلەخكە پىچاق سالىمەن …
بەلكىم بىر كۈنى
قىساسكار ئاشىق بولسام …
مىنى ئاشىق دىمەيسەن بەلكى قاتىل دەيسەن
توپىغا قوشسام ئۇنىڭ بىشىنى
تارىم قىلسام كۆزىنىڭ يىشىنى
تالقان قىلسام تاغۇ تىشىنى ……
كۆڭۈل
ئوخشايدۇ ئۇ مۇقەددەس ئۇلۇغ دۆلەتكە
سۇلتانلىرى يار
كۆڭۈل تەختىدە قامەت سۆلەتكە
بىر شاھ بىر ئايال ئۈچۈن خەلقىدىن كىچىدۇ
بىر ئايال
مىڭ ئەرنى ئاپىرىدۇ قۇدرەتكە ……
مەن ئۆزۈم ئۆزۈم ئەمەس
سىنى شۇ كۈنى كۆرۈپ شوخلۇقۇمنى قۇرتىۋەتتىم
خىيال بىلەن ئۆتىدۇ كۈنۈم
ئىسمىڭنى توۋلاپ پۈتىدۇ ئۈنۈم ……
غايىلىرىم سەندىمۇ گۈزەل
پىلانلىرىم قارىماققا شۇقەدەر پۇختا
ئاق لاتىنى چۆرىۋىتىمەن
غەلبە قىلىدىغاندەك تۇيۇلىمەن بەزىدە
لىكىن ئۆلىدۇ ھۈجەيرىلىرىم مالىكۇلىلىرىم
سۆيگۈ ئاتلىق شۇ رەھىمسىز جەڭگاھتا …
شۇئارىم بار
ئەركەك شەھەر ئالالمىسا مەيلى
ئەمما ئالالىشى كىرەك جانان مەيلىنى …
شەھەر ئالالىدىممۇ ؟
ئالالمىدىم
ئالالىغان بولسام سىنى خاقان قىلماسمىدىم
ئالدىڭىدا ئىگىلىپ ساڭا خىزمەت قىلماسمىدىم …
كۆڭۈل ئىلىش شەھەر ئىلىش …
قايسىنى ئالىمەن؟
شەھەر ئىلىش باتۇرنىڭ ئىشى
كۆڭۈل ئىلىش ئاشىقنىڭ ئىشى …
لىكىن
باتۇر شەھەر ئالالماي ھەسرەت چىكىدۇ
تۆكۈلىدۇ ئاشىقنىڭ
ياق !!!!
بىر ئايال ئۈچۈن ئەركەكنىڭ يىشى …
ئۆلىمەن دىسەم ئۆلەلمەسلىكىم مۇمكىن
ساڭا كۆرسىتىپ ئۆلىمەن دىسەم
بەلكىم مىنى دەپ ياشاۋىتىپتۇ دىيىشىڭ مۇمكىن
سەن كەتكەن كۈنى ………
2016.يىلى 17.ئۆكتەبىر كۈيتۈن
38 قېتىم كۆرۈلدى | arqen | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-10-18 1:02:45 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|