ئۇ قىز كەتتى
ئۇ قىز كەتتى ،
ھەممىنى ئىلىپ ،
قاناتلىرىنى لەرزان قېقىپ ،
گۈزەل ئاققۇ كەبى ،
كۆڭۈل بېغىمدىن ئۇچۇپ كەتتى .
سەن ئوغرىمۇ ؟
سەن قاتىلمۇ ؟
ھېچ بىلمەيمەن ،
يىغلاۋاتىمەن
گاھىدا ساراڭ ھۇۋقۇشتەك ،
كۈلۈپ تېلىقىپ قالىمەن ،
ئۇپۇققا مىقختەك قادىلىپ ،
پەقەتلا سېنى ئويلاۋاتىمەن .
بىر ئاچچىق سېزىم بار ،
دىلىم بەكلا ئېچىشىۋاتىدۇ ،
تەنھالىقمۇ … ،
يالغۇزلۇق ئازابىمۇ … ،
سۆيگۈ … ،
ۋەياكى مۇھەببەتمۇ ،
ئايرىلغاندەك گويا ھەممىدىن ،
يۈرىكىم ئاغرىۋاتىدۇ .
ئاھ كېچىلەر … ،
زۇلمەتلىك كېچىلەر ،
تولغىنىپ سەنسىز ،
ۋۇجۇدۇم كۆيۈپ ،
زارلانغان كېچىلەر ؛
بىلگۈم كېلىۋاتىدۇ ،
ئۇ كۆكتىمۇ ……،
تاپالمىدىم زىمىندىن ،
ياكى كەتتىمىكىن ،
زىنھار يېنىمدىن .
سېغىنىشىمنى ئېيتتىم ،
يۇلتۇزلارغا ،
ھېلىلا چىققان ،
تۇلۇن ئايغا ،
ئېيتقىن <ئاي >ئۇ قىزغا ،
بەلكىم كېتىمەن ئۆلۈپ ،
پەقەت …،
پەقەتلا بىر رەت …،
كۆرەي بىر سىمايىنى ،
قىزىلگۈلدەك ،
ئەتىرگۈلدەك ،
لەۋلىرىگە سۆيۈپ .
-قەلبىدىن .
2016 .7·31
33 قېتىم كۆرۈلدى |
kalbidin |
ئەسەر يوللىغۇچى : |
2016-8-3 17:24:57 |
|
:يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
ئىنكاس يېزىڭ