يۈرەك يىغلايدۇ

يۇرەك يىغلايدۇ‏


(نەسىر)


فەرۇق ئۇدۇنى


يۈرەك يىغلايدۇ!!! ‏زىمىستان چايانلىرى بوغقان ھەربىر نەپەسلەرگە، ‏يۈرەك قاينايدۇ!!! ‏بۇلبۇلنىڭ قانىتىنى قىرغان ھەربىر قەپەسلەرگە، ‏يۈرەك پارتلايدۇ!!! ‏ئارسلانلارنىڭ قېنىنى ئىچكەن ھەربىر نائەھلى پەسلەرگە... ‏ ‏يانغانىدىڭ... ‏شۇ جەننەت كەبى ۋەتەن ئىشقىدا گۈلخان بولۇپ ، ‏چاقنىغانىدىڭ... ‏بۇ يولدا بىزلەرگە نۇر ئاتا قىلغان چولپان بولۇپ، ‏قەلبىمىزگە ئوت ياققانىدىڭ ... ‏مۇزلىغان قەلبىمىزنى ئىستقان ۋولقان بولۇپ... ‏ ‏ئەپسۇس... ‏كۆك ئاسمىنىڭنى قارا بۇلۇتلار قاپلىغانىدى، ‏باھارىڭ كەلمەستىنلا زىمىستان سوغۇق قەدىمىنى تاشلىغانىدى، ‏قارانلىق يىللار سېنىڭ كەبى بىر نۇرلۇق مەشئەلنى ياتلىغانىدى ... ‏ ‏كەتتىڭ... ‏ھاياتىڭنىڭ باھارى ۋەسلىگە ھېچ يەتمەستىن، ‏قارانلىق،جۇدۇنلۇق زىمىستاننىڭ ھەيۋېسىگە بوي بەرمەستىن، ‏يورۇق ۋە ئىللىق ئاتقان تاڭنى بىر كۆرەلمەستىن... ‏ ‏دېگەنىدىڭ ‏‏يورغا يىللار ئۆمۈرنىڭ يامان ئوغرىسى، ‏مانا سەن كېتىپ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە يورغا يىلدىن يەتمىشى كېچىپ بولدى... ‏كۈتكەنىدىڭ ئىللىق ۋە پارلاق بولغان بىر كەلگۈسى... ‏بىلمىدىم سەن كۈتكەن شۇ پارلاق كەلگۈسى نەلەردە قالدى... ‏ ‏يىللار كەچتى... ‏ئەمما يىللار سېنىڭ كەبى ۋەتەن ئىشقىدا گۈلخان بولۇپ يانغان ، ‏سېنىڭ كەبى ۋەتەن ئىشقىدا ۋولقان بولۇپ پارتلىغان ، ‏سېنىڭ كەبى ۋەتەن ئوتىغا ئۆزىنى ئاتقان بىر ئوت يۈرەك شائىر يېتىشتۈرەلىدىمۇ؟ ‏ ‏‏تىرىشىۋاتىمەن... ‏سېنىڭ كەبى بۇ دىيارنى سۆيۈشكە ، ‏بۇ ماكاننىڭ ئوتلىرىدا كۆيۈپ سۇلىرىدا چۆكۈشكە، ‏بۇ ئىشىقتا كېرەك بولسا جان پىدا قىلىپ ئۆلۈشكە... ‏ ‏بىلىمەن ... ‏سەن كەبى بولالمايمەن ... ‏سەن كەبى ئوتلۇق شېئىر يازالمايمەن ... ‏سەن كەبى بۇنچە چوڭقۇر چۆكەلمەيمەن ... ‏ ‏ئەمما مەن يەنىلا تىرىشىمەن... ‏چۈنكى بۇ يول سېنىڭ ئىزىڭ... ‏سېنىڭ ئۈمىدىڭ... ‏سېنىڭ بىزدىن كۈتكىنىڭ... ‏

                                   2015.يىل.9.  ئاينىڭ 18 .كۈنى                 ‏ ‏ ‏ ‏





1042 قېتىم كۆرۈلدى فەرۇق ئۇدۇنى ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-9-19 2:35:52  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-12-24 1:18:08 ئ‍ابدىرشت
ئ‍ۇزۇڭ بىلسەن
2016-7-5 2:01:45 akbar
yahxi
2015-12-14 10:36:36 mihrigul
bakla yahxika
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ