پىنھاندىكى گۈل - ​مەردان ئابدىرشىت

پىنھاندىكى گۈل

مەردان ئابدىرشىت

كۆرگىلى بولمامدۇ ھۆسنۈڭنى بىر رەت،
دالدىغا يۈگرەيسەن نىمىشقا دائىم.
ئاپتاپسىز سايىدا ئىچىلماق تەسقۇ،
قۇرىساڭ بىر كۈنى كەتمەمدۇ رايىم.

باغلارنىڭ سىرتىدا ئۈنگىنىڭ قىزىق،
چىمەنلەر ئىچىگە قىتىلمايسەن ھىچ.
قۇشلارمۇ ئۇچىدۇ گۈلزارلار ئارا،
سەن يالغۇز ياشايسەن مەڭگۈلۈك تىنىچ.

بولارمۇ ئالغىلى بويۇڭدىن ئۈزۈپ،
مۆككەنچە سەن چوڭقۇر پىنھان ئىچىگە.
تۆكۈلۈپ كەتكۈچە پەسىل-باھارىڭ،
گۈل قىلىپ قىسقۇم بار ئۈمرۈم بىتىگە.
     





43 قېتىم كۆرۈلدى mahir ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-27 1:30:43  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ