دادا، سىز مېنىڭ ئۈلگەم
(نەسر )
مەريەم كەنجى( ھىدايى)
دادا، بىلەمسىز ؟سىز مېنىڭ ھاياتلىق سەپىرىمدىكى ئۈلگەم،مەن سىزدىن چەكسىز پەخىرلىنىمەن .
سىز مېنىڭ پەخرىم،قەلب تۆرىمدىكى ھۆرمەت تەختىمنىڭ سۇلتانىسىز. قاراڭغۇ تۈنلىرىمنى يۇرۇتقۇچى نۇرلۇق چولپان . ھايات مۇساپەمدىكى بوران-چاپقۇنلارنى يېڭىشىمنىڭ ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچى،روھىيىتىمنىڭ مەنىۋى قۇدرىتى .
دادا،بىلەمسىز ؟ مەن كىچىكىمدىن تارتىپلا سىزنى ئۈلگە قىلىپ ياشاپ كەلدىم . 3-4 ياش ۋاقىتلىرىمدىن باشلاپلا ئۇسۇل ئويناش ۋە ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشنى سىزدىن ئۆگەندىم،سىز ئۈلگە كۆرسۈتۈپ بەرمىسىڭىز مەن يىغلايتىم مەكتەپ يېشىغا توشۇپ مەكتەپكە كىردىم،يەنە كېلىپ سىز مەسئول بۇلغان سىنىپقا كىرىپ ئوقۇدۇم .
مەن سىزدىن چەكسىز پەخىرلىك ھېس قىلاتتىم ،سىز سۆزلىگەن ھەر- بىر سائەتلىك دەرسلەردىن ئاجايىپ سۈيۈنۈپ كېتەتتىم ،ئۆزۈمنى ئەڭ گۈزەل بىر دۇنيادا سەيلە قىلىپ يۈرگەندەك ھېس قىلاتتىم .
دادا،بىلەمسىز؟مەن ئەنە شۇ ۋاقىتلاردىلا چوڭ بولسام چۇقۇم ئوقۇتقۇچى بۇلىمەن ،دادامدەك ئوقۇتقۇچى بولۇمەن،دېگەن ئارزۇنى كۆڭلۈمگە پۈككەن ئىدىم .
تەتىل قىلغان، ئارام كۈنلىرىمدىمۇ كىچىك بالىلارنى،ساۋاقداشلىرىمنى بىر يەرگە يىغىپ دەرس ئۆتۈپ ئوينايتتىم .
مەن بارا –بارا چوڭ بولدۇم ،سىز ماڭا دەرس مۇنبىردە مەنىۋى ئۇزۇق بېرىشتىلا ئۈلگە بۇلۇپ قالماستىن بەلكى ئەدەب-ئەخلاق،يۈرۈش-تۇرۇش،سۆز –ھەركەتلىرىڭىزدىمۇ ئۈلگە ئىدىڭىز ،ماڭا يەنە كىتاب ئۇقۇش ،قانداق كىتابلارنى ئوقۇش ،يېزىقچىلىق جەھەتتىمۇ بەلگىلىك تەسىرلەرنى كۆرسەتتىڭىز .
سىزگە ئەگىشىپ ھەر-خىل ژانىردىكى بالىلار كىتابلىرىنى ئوقۇشقا باشلىدىم . سىز يازغان ئەدەبىي ئەسەرلەرنى زور قىزىقىش ئىچىدە پەخىرلىنىش تۇيغۇسى بىلەن ئوقۇيتتۇم .
سىز مېنى گۈزەل بىر دۇنياغا باشلاپ كىردىڭىز . مەن بارا-بارا چۈچۈك تىللاردىكى بالىلار ئەسەرلىرىنى يېزىشقا باشلىدىم ،ئەسەرلىرىمنىڭ بىرقىسمى ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىندى .
دادا،سىزنىڭ ھەر- بىر مۇۋاپىقىيىتىڭىز مەن ئۈچۈن ھەقىقى ئادىمىيلىك دەرسى ئىدى .
ئىرادەمنى تاۋلايدىغان ،جاپا -مۇشاقەت داۋانلىرىدىن ھالقىپ ئۆتۈشۈمگە ئۈندەيدىغان روھىي كۈچ ئىدى .
سىز مېنىڭ ئاجىز تېنىمغا ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلدىڭىز ،روھىمغا غايە،گۈزەللىك ،ئەقىدە،مېھىر-مۇھاببەت نۇرىنى چاچتىڭىز .
قانداق ئادەم بۇلۇش ،قانداق ياشاش يولىنى ئۆگەتتىڭىز.
دادا ،مەن ئەجىر –مېھنىتىڭىزگە قانداقمۇ جاۋاپ قايتۇرۇپ بۇلاي دادا!؟ ا
ئاخىر ئىزىڭىزنى بېسىپ،مەنمۇ ئوقۇتقۇچى بولدۇم.ھەر- بىر قېتىم دەرس مۇنبىرىگە چىقىپ ،ماڭا تەشنا بولۇپ تۇرغان قارا كۆزلەرگە قارىغىنىمدا، بارلىقىمنى ئاشۇ سەبىيلەرگە ئاتا قىلغۇم ،قاراڭغۇ دىللارنى قۇياش كەبى يورۇتقۇم كېلىدۇ. سىزدىكى مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى قەلبىمدە زاھىر بۇلۇدۇ –دە،سەبىيلەرنىڭ بىلىم تەشنالىقىدا چاڭقىغان قەلبىگە ئادىمىيلىكنىڭ ئەڭ ئەقەللىي جەۋھەرلىرىنى سىڭدۇرۇشكە ھەر ۋاقىت تىرىشچانلىق كۆرسۇتىمەن دادا!
ئاپتور :باي ناھىيەلىك 4-باشلانغۇچ مەكتەپتە : 13999664139
拜城县第四小学:麦热艳木。坎吉
203 قېتىم كۆرۈلدى | مەريەم كەنجى ھىدايى | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-10-12 18:00:24 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|