قاپتىكەنمەن ئەسلى بىر قىزغا كۆيۈپ
مۇھەممەد ئەركىن چىن يار
روھىمغا يىقىلغان يىرتىق بىر ئاسمان ،
كەلمەكتە ئېچىرقاق كۆڭۈلنى يۈدۈپ .
ۋىسالنىڭ ئالدىدا يىقىلدىم نەچچە ،
قاپتىكەنمەن ئەسلى بىر قىزغا كۆيۈپ .
قىينىلىپ ئاھ ئاران ئالىمەن نەپەس ،
ئازاپتىن قان قىلدىم لېۋىمنى چىشلەپ .
قونالغۇ ئىزدىدى دىلدىكى ئارمان ،
ئېھ سۆيگۈ شاتلىقنى كېلەمسەن! يېتلەپ .
كىشنەيدۇ مۇڭسىراپ ئېغىر خىياللار ،
بىھوشمەن سۈكۈتلەر ئالدى قاماللاپ .
ئۆزۈمنى تاشلىدىم ئەلەملىك ئوتقا ،
شۇ قىزنىڭ چېچىدا مەيلىمنى باغلاپ .
| 151 قېتىم كۆرۈلدى | مۇھەممەد ئەركىن چىن يار | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-10-7 20:48:32 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|