بىر چاغلاردا
ھوشۇر ئامىرجان ئاتەشى تاجىك
بىر چاغلاردا غەمسىز ئىدىم ئەمدى غەمگە دۈم چۈشتۈم ،
بىر چاغلاردا پەمىسىز ئىدىم ئەمدى پەمگە دۈم چۈشتۈم .
بىر چاغلاردا ھەشەمەتلىك ئوردىلاردا ياشايتىم ،
مانا ئەمدى ئىچى كاۋاك بىر گەمىگە دۈم چۈشتۈم .
بىر چاغلاردا قوپال ئىدىم ھەممىنى سەن دەيدىغان ،
بىر چاغلاردا زاۋال ئىدىم ھەممىگە مەن دەيدىغان .
مانا ئەمدى ئىچىم كۆيۈك ، تىلىم تاتلىق ئۆزىچە ،
سىڭگەن نانغا شۇكرى قىلىپ تېنچ -ھالاۋەت يەيدىغان .
بىر چاغلاردا باشلىق ئىدىم نوپۇز بارىدا سۆيۈملۈك ،
بىر چاغلاردا ئاتلىق ئىدىم ئىشەكلەرگە ئارتىپ يۈك ،
مانا ئەمدى شۇ ئىشەكلەر جەبرى چۈشتى بىشىمغا ،
ھالىم بەتتەر ئىشەكتىنمۇ چولۋامدا قالمىدى تۈك .
بىر چاغلاردا قالتىس ئىدىم سۆيگەن يارنىڭ ئالدىدا ،
قان كىچەتتىم جانان ئۈچۈن مەيدانلاردا ، دالىدا .
مانا ئەمدى قان تۈكىمەن تىنىمدە يۇق كۈچ -قۇۋۋەت ،
ھەي شۇم يۇقال دىيەلمەيمەن مۇشتەك كىچىك بالىغا .
بىر چاغلاردا ھاراق ئىچىپ ، پاپروس چىكىپ ئۇينايتىم ،
بىر چاغلاردا چوڭام ئىدىم ، بەزمىلەرنى سورايتىم .
مانا ئەمدى شۇ سوراشلار ساق بىشىمنىڭ بالاسى ،
چەكسىز ئالەم ئىكەن ھەي بۇ ، ھېچ تىگىگە يەتمىدىم .
بىر چاغلاردا دېھقان ئىدىم قىر چىپىپ ھارمايدىغان ،
بىر چاغلاردا شائىر ئىدىم شېئىر يېزىپ قانمايدىغان .
مانا ئەمدى ئاھ ئۇرىمەن مېھنىتىمدىن ئايرىلىپ ،
دەرتلەر تولا يۈرۈكۈمدە ھېچ كىشى بىلمەيدىغان .
مەن كۆرمەستە پۈتۈپ بوپتۇ چىن -ئاشىقلار داستانى ،
قارا جۇتقا تەسلىم بوپتۇ پاك كۈڭلۈمنىڭ ئاسمىنى .
تىپىلماسنىڭ خۇرمىسىنى يېگەن بىلەن نە ھاجەت ؟
ئۇتۇپ بوپتۇ ياش ئۆمرۈمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كارۋىنى .
144 قېتىم كۆرۈلدى |
ejran |
ئەسەر يوللىغۇچى : |
2016-12-6 21:52:30 |
|
:يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-12-17 3:26:49 |
gulzaren |
kalemengga kuwat barsun tehemu terexken |
2016-12-17 3:26:49 |
gulzaren |
kalemengga kuwat barsun tehemu terexken |
2016-12-16 20:53:12 |
رۇداكىي |
ئېنىم بۇ شېئرنى بەك ياخشى يېزىپسىز،،،تېخمۇ تىرىشىڭ ،، |
ئىنكاس يېزىڭ