بىكار ناننى يىگۈم يوق
تۇرغۇن راخمان (كەمتەر)
قورسىقىدا ئوماچ يوق،
ئالدىرايدۇ شەرەپكە،
قول سالىدۇ نۇمۇسسىز،
ھوزۇرلارنى سۈرۈشكە.
ئايلىنىدۇ چەشلەرنى،
مېنىڭ دەيدۇ ئىرىنمەي،
ئېچىرقىغان لەھەڭدەك،
چىش سالىدۇ زىرىكمەي.
قۇياش چىقسا ئاسمانغا،
قاقلىنىدۇ بىمالال،
يامغۇر ياغسا ناۋادا،
بولۇپ كىتەر مۇز چىراي.
بۇلبۇل كەلسە شوخ سايراپ،
تۇرالمايدۇ ھېجىرىپ،
بۆرىلەرنى كۆرگەندە،
ئەيمىنىدۇ ئىڭىشىپ.
يۈگۈرۈشكە بەك ئامراق،
ئەجىر مېھنەت قىلمايدۇ،
مېنىڭ دوستۇم مۇشۇنداق،
جاپالارنى كۆرمەيدۇ.
راھەت ئىزلەر سوكۇلداپ،
ئاينى دائىم چۈشەيدۇ،
ئۆگىنەي مەن ئۇنىڭدىن،
لىكىن پۇرسەت بەرمەيدۇ.
چىدايمەنغۇ بۇنىڭغا،
شەرەپ سېنىڭ بولسىلا،
بەك جاپالىق ئىكەنغۇ،
ئۆگىنەلمىدىم بولدىلا.
خوشلىشايلى جان دوستۇم،
ئورا كويلاپ قويمىغىن،
زەھەر سالما چىيىمغا،
تالاشمىدىم سېنىڭدىن.
ئىناقلىققا تەشنامەن،
ئۇرۇشلارغا خۇشۇم يوق،
پارتىيەنى كۈيلەيمەن،
بىكار ناننى يېگۈم يوق.
مەرىپەتكە يۈزلۈنۈپ،
بالىلارنى تەربىيلەي،
سىياسەتنى قەدىرلەپ،
مۇقۇملىقتىن سۆيۈنەي.
ئادا قىلىپ بۇرچۇمنى،
رازى قىلاي خەلقنى،
سوتسىيالىزم يولىدا،
داغدام،ئوچۇق يول كىزەي.
ۋەتىنىمدىن سۆيۈنۈپ،
قىزىل گۈللەرنى تىكەي،
پەرۋاز قىلىپ شۇڭقاردەك،
كائىناتنى مەن كىزەي.
يۈرۈش قىلىپ ئىلىمگە،
نۇرلاندۇراي دىلىمنى،
يىتىپ پەننىڭ چېكىگە،
زوقلاندۇراي خەلقنى.
111 قېتىم كۆرۈلدى | تۇرغۇن راخمان( كەمتەر) | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-3-28 10:07:48 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|