ئازاپ
نىگار
سۆيگەن ئىدىم مېھرىمنى بىرىپ،
يۈرۈكۈمنىڭ چوڭقۇر قىتىدىن.
يازغان ئىدۇق سۆيگۈ داستانى،
گۈللەر تىزىپ تۇرمۇش بىتىدىن.
چۆمگەن ئىدۇق سۆيگۈ مېھرىگە،
قايغۇلاردىن بولۇپ مۇستەسنا،
ئۆتكەن ئىدۇق كۈلۈپ شادىمان،
يۇقتۇر ئەسلا كۆ ڭۈلدە رىزا .
كۆز تەگكەندەك ئەمما بىر كۈنى،
تاشلاپ كەتتىڭ مىنى يىراققا.
خېتىڭمۇ يوق،خەۋىرىڭمۇ يوق.
تاشلاپ مىنى ئازاپ پىراققا.
سىياقىڭنى ھەتتا ھېدىڭنى.
تاپالمىدىم ئەمدىلىكتە ھېچ،
بولغاچ بەلكىم يىنىڭدا بىراۋ،
ئۆتمەكتىسەن خاتىرجەم تىنچ.
ئۆتمەكتە كۈن ئازاپ ئىچىدە،
ئۆزۈم يىغلاپ ئۆزۈم سۈرتۈپ ياش،
بىلەلمەيسەن سىزەلمەيسەن ھەم،
چۈنكى يۈرىكىڭ بولدى ماڭا تاش.
بىلىنمەمدۇ ساڭا ھېچقانداق،
ۋەيران قىلىش سۆيگۈنى خاراپ.
ئاغرىمامدۇ يۈرۈكۈڭ شۇنچە،
بەرسەڭ شۇنداق تۈگىمەس ئازاپ.
بىلگەن بولسام ئازاپ چىكىشنى،
بەرمەسكەنمەن كۆڭلۈمنى ساڭا.
ئىزدىگىنىم بىرلا سەن ئەمەس،
ئىزدەرمەن ھەم ئەسلىمنى ئاڭا.
لېكىن قايتىپ كەلمەك قىيىنكەن ،
باسقان يولنى كەينىگە بىسىپ.
ئۆزۈم ماڭدىم ،ئۆزۈم خالىدىم،
ئۆتەي شۇڭا ئازاپنى يىڭىپ.
2016يىلى19-دىكابىر
نىگار
36 قېتىم كۆرۈلدى | نىگار | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-12-25 0:33:15 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|