دىھقانلار
ئالىم سەھرايى
بۇ دۇنيادا چاپاكەش دىھقاندۇر دىھقان،
ئەلەملەر ئىچىگە يۇتقانمۇ دىھقان .
چاپاكەش مىھنەتكەش بولغاچقا دىقان ،
ئاتالدى شۇڭلاشقا نامى ئۇلۇغ دىھقان .

ھالاللاپ تەر تۆكۈپ يىگەنمۇ دىھقان ،
باينى ھەم گاداينى گۈلدۈرگەن دىھقان .
بوراندا چۇدۇندا قالغانمۇ دىھقان ،
چەكسىمۇ چاپالار ۋايسىمغان دىھقان.

چۆلنى- قاقاسنى بوستان قىلغانمۇ دىھقان ،
يەۋەتقان ئۇزۇقنى بەرگەنمۇ دىھقان .
سىنىڭ ھەم مىنىڭمو ئەجدادىم دىھقان ،
شۇڭا بىل كادىرنىڭ نەسلىمۇ دىھقان .

نامىڭدۇر يەنىلا شەرەپلىك دىھقان ،
ئىنسانلا قەلبىدە چاقنىغان دىھقان .
تارىختىن تارىخقا ئۆچمەيسەن دىھقان،
قىممىتىڭ بىباھا ئالتۇن سەن دىھقان.
| 77 قېتىم كۆرۈلدى | 1624664963 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-3-9 13:11:00 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|