دۇنيا (شېئىر)
ئامىنە
بىلسە ھايات قەدرىنى چەكسىز گۈزەل بۇ دۇنيا ،
غاپىللارنىڭ كوزىدە غەم تەشۋىشلىك بۇ دۇنيا.
ئىسسىق -سوغاق تەڭشىلىپ ئۆتىدىكەن بۇ دۇنيا ،
سىنايدىكەن ئادەمنى ھەر قىسمەتتە بۇ دۇنيا .
قالسىمۇ گەر ئىنساندىن ياخشى -يامان ئىزنالار،
سىغدۇراركەن ھەممىنى قۇچاق ئېچىپ بۇ دۇنيا .
سېخى ئىكەن ئانىدەك يۆلەنچۈك بوپ بارىگە ،
بارلىقىنى يات كۆرمەي سۆيىدىكەن بۇ دۇنيا .
قايغۇ بىلەن شاتلىقتىن رەڭدار ئىكەن بۇ دۇنيا ،
چەكتىن ئاشسا قىلمىشى يۇتار بوپ قىيان دەريا .
تەڭشەلمىگەن دۇنيادەپ ئەل ئىچىدە قالغان سۆز،
بىلسە گەر تەڭشەگلىك تېگىگە يەتسە بۇ دۇنيا .
چىقسا بۇگۈن شۇم بوران ،قۇياش كۈلەر ئەتىسى ،
تېپىپ يەيدۇ رىسقىنى تىرىشقاننىڭ ھەممىسى .
مەئىشىتى ھەممىگە بارەۋەر چېچىلغۇسى ،
تىرىشقاننىڭ جەننىتى ،گۈلىستانى بۇ دۇنيا .
قاخشاپ زارلاپ ئۆمۈردىن ۋايىم يىسە سەۋەپسىز ،
پەلەك تەقدىر قىسمەتدەپ ئالدايدىكەن بۇ دۇنيا .
قانائەت قىپ ،تىرىشىپ گۈزەل بىلسە دۇنيانى ،
بەھىر بېرىپ بەخىتتىن ئەزىزلەيدۇ بۇ دۇنيا .
| 21 قېتىم كۆرۈلدى | ئامىنە | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-4-10 2:30:09 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|