بىر گۈزەل يۇرت ئىكەن مارالبېشى دېگەن
ئېلىجان ئابدۇكېرەم بارچۇق ئوغلى
بارچۇقنىڭ باغرىدا گۈل بولۇپ كۈلگەن ،
چوڭقۇر چاق دېيارى مېنى ئۆستۇرگەن .
كۈيلىسەم كۈيلۇرۇم توختىماس ئىكەن ،
بىر گۈزەل يۇرت ئىكەن مارالبېشى دېگەن .
قوغۇن ھەم ،تاۋۇزلار يېسڭىز شەربەت ،
ئۈزۇمزار باغلىرى شۇنچىلىك مۇنبەت .
يەرلىرى ھۇسۇللۇق دېھقانغا بەركەت ،
بىرگۈزەل يۇرت ئىكەن مارالبېشى دېگەن .
بازارلار كۈپۈيىپ بازار ئېچىلدى ،
خىلمۇ خىل تاۋارلار بازارغا كىردى .
ئىزدىسەك بازاردىن ھەممە تېپىلدى ،
بىر گۈزەل يۇرت ئىكەن مارالبېشى دېگەن .
بارچۇق دەپ ھەريەرگە نامى بار داڭلىق ،
خۇش پۇراق پۇرايدۇ باغرى ھاۋالىق .
سەيلىگاھ ،باغلىرى شۇنچە خۇمالىق ،
بىر گۈزەل يۇرت ئىكەن مارالبېشى دېگەن .
خىمۇ-خىل سەيلىگاھ دېيارىمىىزدا ،
كەلمىگەن بىلمەيدۇ ماكانىمىزغا .
دەستخان سېلىغلىق مېھمانىمىزغا ،
بىر گۈزەل يۇرت ئىكەن مارالبېشى دېگەن .
ناخشا تېكىستى ئىشلەتكۈچىلەر ئاپتۇر بىلەن ئالاقىلشىڭ
ئۈندىدار 2318334127
| 104 قېتىم كۆرۈلدى | dlkax | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-11-5 0:11:24 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|