خەت
فەرۇق شاۋكەت
مەن ساڭا خەت يازاي ،
سەن ئوقۇغىن ـ
خەتلىرىمدىن چۈشەنگىن ،
ساڭا بولغان سۈيگۈلىرىمنى ـ
دىلىڭدا ساقلىغىن ،
لىكىن يۇشۇرمىغىن ،
ماڭا كۆڭۈل بىرەلمىسەڭمۇ ـ
ئۆزۈڭنى ياخشى كۆرىدىغان ،
مەندەك بىر ساراڭنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ،
سەنمۇ خاتىرە قالدۇر ،
بىرەر ۋاراق ئىلىپ ،
خەتلىرىڭنى دانىمۇ دانە قىلىپ ،
يازالمىساڭمۇ ،
ماڭا كۆڭۈل بىرەلمىسەڭمۇ ـ
مەن ساڭا خەت يازاي ،
خەتلىرىمدە قوشاقلار قېتىپ ،
گۈلۈم،
يۈرگۈم دەپ باشلاپ ،
سىنى سۆيىمەن دەپ ،
ساڭا كۆيىمەن دەپ ،
ئاخىرلاشتۇراي ـ
سەن ئوقۇغىن ،
مېنىڭ يۈرەك سۆزلىرىمنى ،
ساڭا ئاتالغان يۈرۈگىمنى ،
سەنمۇ چۈشەنگىن ـ
مەن ئاشىقنىڭ ،
مەن مۇساپىرنىڭ ،
مۇڭلۇق قەلبىنى ـ
بەلكىم سەنمۇ ئولتۇرۇپ ،
مېنى خىيال قىلىدىغان سەن ـ
ئارزۇيۇم بىلسەم ،
سېنىڭ خىياللىرىڭنى ـ
مەن بىلىمەن پەقەت ،
سېنى سۆيىدىغانلىقىمنى ـ
ئاجىرتىپ بىرەر سائەت ،
سەنمۇ خەت يازغانسەن ماڭا ـ
خېتىڭ كۆرۈش ئىستىكىدە ،
بولۇپ مەن بىتاقەت ،
يىل بىلىنىپ ئۆتكەن ھەر سائەت ،
ناچار بىلىنىپ ياخشى ھەم راھەت ـ
يەنە خەت يازىمەن ،
سۈتتەك ئاق ۋاراقلارغا ،
قارا سۈرتىمەن ـ
گويا بىراۋغا قارا چاپلىغاندەك ،
ھەقنى ناھەق دىگەندەك ـ
شۇ مىسكىن بىر ۋاراق ،
يۈدۈپ ئۆزىدىنمۇ ئېغىر ،
مېنىڭ دەردىمنى ـ
يىتىپ بارىدۇ ساڭا ،
روھىتى سۇلغۇن ،
ھالىتى چۇل چۇل ـ
بەلكىم ،
ئوقۇيدىغانسەن خەتلىرىمنى ـ
كۆرىدىغانسەن ،
قەغەز يۈزىدە قېتىپ قالغان ،
كۆز ياشلىرىمنى ـ
بەلكىم ،
تاشلايدىغانسەن رايىڭ يوق ،
يىرتىدىغان سەن ـ
ھالىتى چۇل چۇل ماۋزۇسى يوق ،
مىسكىن شۇ خەتلىرىمنى ـ
مەيلى ،
مەن يەنە يازىمەن ،
سېنىڭ ئۈچۈن ،
مەڭگۈ يېزىپ ھارمايمەن ،
سۇلغۇن شۇ خەتلىرىمنى ـ
| 41 قېتىم كۆرۈلدى | فەرۇق شاۋكەت | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-11-12 11:25:37 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|