ئاسىيلارغا (شېئىر) - مەمەتجان باش كارۋان

ئاسىيلارغا
مەمەتجان باش كارۋان


ئاسىي بولدۇڭ ۋاقىتقا ھەم مۇھەببەتكە،
چىن ئاشىقلارنىڭ يۈزىنى تۆكۈپ قويدۇڭ.
ئول ئاشىقلار سۆيمەس ئىدىلەر يالغاندىن،
ئالدىرىدىڭ ھەۋاغا، ھەۋەسكە كۆندۈڭ.

ئەمدى قايتا سۆيۈشنىمۇ ئويلاشماسمەن،
قايدىن كېلەر دەپ يوللۇرۇڭغا باقماسمەن.
كېتەر يوللۇرۇڭ بولسۇن ئۆلسۇن مۇھەببەت،
سۆيگۈمنى بىر سەتەڭ چىرايىڭغا ساتماسمەن.

چىن ئاشىقلار ياشايدۇ كۈلۈپ شوخ يايراپ،
بەلكىم ئەمەسسەن چىن سۆيۈمنىڭ يار قۇلى.
ئىشىق مۇھتاجلىقى بولغاي سېنىڭ قەبرەڭ،
يار بولسۇن ساڭا ساختا مۇھەببەت يولى.





298 قېتىم كۆرۈلدى bashkarwan ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-1-10 0:03:05  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ