ئويغاق

 

ئويغاق

 

 ئەسقەر قۇربان

 

پەرۋاز قىلىپ خىيال كەپتىرىم،

 ئېلىپ قاچتى سۆيگۈمنى يىراق.

كۆزلىرىمدە ئۇيقۇ يوق ئەسلا،

 قىيناپ مېنى ھىجران ۋەپىراق.

 

بىلەلمىدىم سەنمۇ ئويغاقمۇ؟

 سۆيگۈسىراپ قالدىغۇ دىلىم،

تۇنلەر شۇنداق ئۆتەمدۇ ئويغاق،

چىن سۆزۈڭنى ئېيتقىنا جېنىم.

 

 قويۇپ بەردىم سۆيگۈمنى ئەركىن،

 كەتتى سۆيگۈم سۆيگۈڭنى ئىزلەپ.

تەنھالىقتىن خويمۇ زېرىكتى،

ئاچ باغرىڭنى يايرىسۇن بىر رەت.

 

ئازاپ ئىچرە ئۆتمىسۇن كۈنلەر،

تەنھاسۆيگۈ كەتسۇن يوقۇلۇپ،

 ئويغاق ھېسلار ئۇچرىشىپ تۈندە.

 چىن ۋىسالغا كەتسۇن چۆمۈلۈپ.

 

 مەنبە: كۈندىلىك خاتىرەمدىن

ئاقسۇ _كەلىپىن 2016. 1.20





149 قېتىم كۆرۈلدى ikbal ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-2-4 20:56:25  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ