كەسمە ئ‍ۆرۈم چېچىڭنى


(ئۇيغۇر قىزلىرىغا ئ‍ىلتىجا )


1

ئۇيغۇر قىزى مەپتۇن قىلار ئ‍اي يۈزۈڭ ،

ئاشىقلارنى خۇمار قىلار قوي كۆزۈڭ ،

ھەسەل كەبى تاتلىق قىلغان گەپ سۆزۈڭ ،

قىزىلگۈللەر ھەۋەس قىلغان نۇر ئ‍ۆزۈڭ ،

كەسمە ئ‍اشۇ ئۇزۇن ئ‍ۆرۈم چېچىڭنى!

3

تاڭ قالىدۇ ئ‍ەخلاقىڭدىن بارچىسى ،

سەۋدايىدەك ئ‍اشىق بولدى قانچىسى ،

ئاققان يېشىڭ خۇددى شەبنەم تامچىسى ،

سۇمبۇل چېچىڭ مىللتىڭنىڭ تاجىسى ،

كەسمە ئ‍اشۇ ئ‍ۇزۇن ئ‍ۆرۈم چېچىڭنى !

4

جامالىڭغا ئ‍اي ھەۋەستە قارايدۇ ،

قۇياشمۇ ھەم تاغ كەينىدىن مارايدۇ ،

بۇلبۇللارمۇ خەندان ئ‍ۇرۇپ سايرايدۇ ،

مەيىن شامال چاچلىرىڭنى تارايدۇ ،

كەسمە ئ‍اشۇ ئۇزۇن ئ‍ۆرۈم چېچىڭنى !

5

ئۇزۇن چېچىڭ سىنىڭ ئەخلاق زىننىتىڭ ،

شۇنىڭ بىلەن بولغان قەدىر قىممىتىڭ ،

ئ‍ۆرۈم چاچلار بىزگە بەرگەن ھىممىتىڭ ،

ئ‍شلىرىڭدىن سۆيۈنسۇن ھەم مىللىتىڭ ،

كەسمە ئ‍اشۇ ئ‍ۇزۇن ئ‍ۆرۈم چېچىڭنى !

6


گۈزەللىكتە تاڭ قالدۇردۇڭ بارچىنى ،

سەن ئەخلاقنىڭ چاقناپ تۇرغان مارجىنى ،

تەقى -تۇرقۇڭ ئ‍ەسلىتىدۇ ئ‍ۇز ئ‍ارچىنى ،

يامان كۆزدە تۇتۇپ قالما قايچىنى ،

كەسمە ئ‍اشۇ ئۇزۇن ئ‍ۆرۈم چېچىڭنى !

7

قىزىلگۈلدەك ھۆسنۈڭگە بارچە قاراپ قانمىسۇن،

چىمەنلىكتە بۇلبۇللار سىنى كۈيلەپ سايرىسۇن،

ئەخلاقىڭدىن گۈل ئۈنسۇن، ئ‍اتاڭ كۈلۈپ يايرىسۇن ،

يامان ئىشتىن يىراق بول ئ‍اناڭ دەرتتە قالمىسۇن،

كەسمە بەرنا ئۇزۇن ئ‍ۆرۈم چېچىڭنى !


دىلزات ئ‍ابدۇماناپ

2015 . 6 . 17





175 قېتىم كۆرۈلدى ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-7-29 3:51:48  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-7-29 4:34:58 abdulla
rozi sayit akimiznig aslidiki ..kisiwatma urum qiqigni namlik xeeriha tahlid kilniptu apirin likin uzigz ber tima yartg ber umur tahlid bilan xeer yazhili bolmaydu
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ