يىراقمەن - ئىمىنجان ئابدۇرىھىم

يىراقمەن 

ئىمىنجان ئابدۇرىھىم


تۇرمۇش دېگەن ئاجايىپ سورۇن تولا سۆز تولا،
ئەل-يۇرت غېمى بولمىغان پاراڭلاردىن يىراقمەن.
چۆلدەيۇلغۇن تۈۋىدە تۈنىسەممۇ مىڭ راھەت،
مىننەت كۈيى يامرىغان سارايلادىن يىراقمەن.

كىم خالىماس راھەتنى جەبىرلەرگە كىم ئاشىق،
جاپاسىنى تارتمىغان ھالاۋەتتىن يىراقمەن.
ئۆتسە مەيلى كۈنلىرم بىر زاغرىغا زار بولۇپ،
ۋىژدان سېتىپ پۇل تاپقان تاپاۋەتتىن يىراقمەن.

كۈلكە دېگەن دورىدۇر،ياشارتىدۇ يۈرەكنى،
مىسكىنلەرگە قاپاقنى تۈرگەنلەردىن يىراقمەن.
ۋەتىنىگە كۆيمىگەن يۈرەك دېگەن ئوشۇق گۆش،
ئەل-ۋەتەننىڭ غېمىگە كۈلگەنلەردىن يىراق مەن.

دۇنيا دېگەن ئىسىل باغ ،رەڭگارەڭدۇر مىۋىسى،
شاخلىرىغا تاش -داڭگال ئاتقانلاردىن يىراقمەن.
كۆچەت تىككەن باغۋەننى قوغلىۋىتىپ يىراققا،
سايىسىدا كېرىلىپ ياتقانلاردىن يىراقمەن.





56 قېتىم كۆرۈلدى ئىمىنجان ئابدۇرىھىم ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-8 2:48:43  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ