توزىغان خىيال

توزىغان خىيال

 

يىراقلارغا توزىيدۇ خىيال،

 بىر سىمانى ئىزدىمەك بولۇپ.

 ئېيتقۇسى بار يۈرەك سۆزىنى،

 كۆزلىرىگە تىكىلىپ تۇرۇپ.

 

 بىرىلمەيدۇ چۈشلەرگە مەنا،

 رىئاللىقنىڭ ئۈستىدە تۈتۈن.

 ئاشىق چۆلگە كەتتى يىگانە،

 بولالمىدى سۆيگۈسى پۈتۈن.

 

 كۆزنىڭ نۇرى سۇنغان دەقىقە،

 يىقىنلايدۇ جاھاننىڭ چېتى.

 رەنجىشلەرگە تولۇپ كېتىدۇ،

 ئۆمۈر ئاتلىق دەپتەرنىڭ بېتى.

 

 چېقىلمىغان ئەينەكتەك قىزلار،

 كۆرسىتىدۇ نەچچە خىل ئوبراز.

 گۈل سىياقتا كۆرىنەر شەيتان،

 ئاسمىنىدا كۆڭۈلنىڭ ئۇچار.

 

 بېغىشلىماق قېيىندەك تۇرۇپ،

 بېغىشلاشقا چىدايدۇ يۈرەك.

 تاپانلارنىڭ ئاستىدا چىمەن،

 ئۈمۈدى يوق ئۆلۈمدىن بۆلەك .

 

ھامان ئاددى ھاياتنىڭ سىرى،

 ئۆلۈم بىلەن تامام بىر گەۋدە.

 ئالداش ئۈچۈن پەقەت بىر بىرىن،

 بېرىشىدۇ ئىنسانلار ۋەدە.

 

شاۋكەت - غۇلجا





131 قېتىم كۆرۈلدى شاۋكەت ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-27 15:27:58  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ