ئازمىغىن قىزچاق

         ئازمىغىن قىزچاق 

چۈش قىزى

ئازمىغىن قىزچاق ، ئازمىغىن دوستۇم ، بىلەمسەن ئۆزۈڭنى ئۇنتۇغان ھالدا ئاشۇ يات بىر ئەرنى جېنىڭنى تىكىپ تۇرۇپ ياخشى كۆرگەنلىكىڭ ئۈچۈن ساڭا بىرىلگەن ئازاپلار ھەقلىقتۇر، قاچاندىن باشلاپ شۇ ناتونۇش ئەر بىلەن تۇنۇشتۇڭ ، شۇ كۈندىن باشلاپ سەن ئاتا ئانا، ئۇرۇق تۇققانلىرىڭنى ئۇنتۇدۇڭ، ياق  ئەڭ ئاددىيسى سەن ئۆزۈڭنى ئۇنتۇدۇڭ، توغرا سەن ئۇنى سۆيىسەن، ئەمما ئۆزگىنى  ئۆزۈڭدىن يۇقىرى ئورۇنغا قويۇپ سۆيىشلىرىڭ سىنى قەدىرسىز كۆرسىتىۋاتسا ، ئەجىبا مۇشۇنچە قىلىشلىرىڭ ئەرزىمدۇ؟  
سەن ئۇنى ياخشى كۆرىسەن ، ياخشى كۆرگەنلىكىڭ ئۈچۈن ، ئۇنىڭ ئايالى بالىسى بۇلىشىغا قارىماي ئۆزۈڭنى ئۇنىڭ ئۈچۈن بېغشلايسەن، قېنى ئېيتە شۇنچە قىلىشىڭغا ئۇ ئەرزىمدۇ؟ ئۇمۇ مىنى ياخشى كۆرىدۇ دەيسەن، ئەجىبا ئەينى ۋاقىتلاردا خۇددى سىنى ياخشى كۆرگەندەك ئايالىنىمۇ ياخشى كۆرگەنلىكىنى ئۇنتۇدۇڭما؟  ئەجىبا ئاشۇ ئايالىغا يۈزسىزلىك قىلغان ئەر ساڭىمۇ قىلماسمۇ؟
ئىسىڭدەن بولسۇن ، ئۇ ئەرنىڭ ئايالى مەيلى قانچىلىك ئەسكى بولسۇن ياكى بىشەم بولسۇن ئۇ ئەر يەنىلا ئايالىنى بىرىنچى ئورۇنغا قۇيدۇ، ئۇ ھامان ئائىلىسىگە قورغان بۇلۇپ ئائىلىسىنى قوغدايدۇ ، سەن دىگەن بەرىبىر ئۈچىنچى شەخىس، ئەگەر ئىشەنمىسەڭ مەن ساڭا بىر نەچچە ھەقىقەتنى سۆزلەپ بىرەي.....
مەيلى ئايالى قانچە ئەسكى ياكى بىشەم بولسۇن ئۇ ھامان پەرزەنتىنىڭ ئاپىسى، شۇڭا ئۇ سەن ئۈچۈن بىر ھەۋىسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن يۈرۈيدۇ، توي قىلىش ئۈچۈن ئەمەس ......
ئۇ ئايالىغا ۋاقىت چىقىرىپ بازار ئايلىنىپ، تېلفۇن قىلىپ دىگەندەك قىلىدۇ، ئەمما ساڭا بولسا ۋاقتى چىققاندا  تېلفۇن قىلىدۇ، ۋاقتى چىققاندا سەيلە قىلىدۇ......
ئۇ ئايالى ئاغرىپ قالسا يېنىدا تۇرۇپ كۈتىدۇ، ئەمما سەن ئاغرىپ قالساڭ ۋاقتى يەتسە دورا ئەكەپ بىرىدۇ خالاس!!!.....
ئۇ ئايالى يىغلىسا بىر ئىككى قېتىم پەرۋا قىلمىغاندەك قىلغان بىلەن كىيىن ھامان  ئۇنىڭ يېشىنى سۈرتىدۇ، ھەم كىيىن يىغلاتماسلىققا تىرىشىدۇ، ئەمما سەن يىغلىساڭ بىر ئىككى قېتىم يېشىڭنى سۈرۈتكەندەك قىلغان بىلەن ، كىيىن دائىم يىغلاۋەرسەڭ سەندىن بىزار بۇلىدۇ، ۋە ھامان سەندىن يۈز ئۆرۈيدۇ .......
ئايالى ئۇنى خاپا قىلىپ ئۆزىنى قانچىلىك سۆيىدىغىنىنى بىلمەكچى بۇلىدۇ، ئەمما سەن، ئۇ ھەر قانچە خاپا قىلسىمۇ كەڭ قورساق بۇلۇپ ئۆزۈڭنىڭ ئۇنى قانچىلىك سۆيىدىغانلىكىڭنى بىلدۈرسە.........
دىمەك سەن پۈتۈن ياشلىق باھارىڭنى سەرىپ قىلىپ ئۆزەڭنىڭ ئۇنى قانچىلىك ياخشى كۆردىغىنىڭنى ئىسپاتلايسە، ئۇ ئاخىرىدا بىر مىنۇت ۋاقتىنى سەرىپ قىلىپ ئۆزىگە ئايالى ۋە بالىسىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىىنى ئىسپاتلايدۇ........
جېنىم دوستۇم ئازمىغىن، كاللاڭنى سىلكىۋەت ، دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى، ئەڭ ئىشەنچىلىك ئەر داداڭ ئىدى ، ياتلارغا قىلغان تېلفۇننى، ياتلار ئۈچۈن چىقارغان ۋاقتىنى داداڭ ئۈچۈن چىقىرىپ  ،  ياتلارنى سۆيدىغانلىقىڭنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن چىقارغان ۋاقتىڭنى داداڭ ئۈچۈن چىقىرىپ ئۆمرۈڭدە بىر قېىم بولسىمۇ داداڭنى ياخشى كۆردىغانلىقىڭنى ئېيتقىن........
     


مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى 

ئۈندىدار ؛ 2041420589





61 قېتىم كۆرۈلدى چۈش قىزى ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-5-16 2:53:46  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ