تىلىسەك ئىنساپ
ئامىنە
ئوغۇلنى ئۇلۇغلاپ تىرەك پارەم دەپ،
قىزنى ئەزىزلەپ يۈرەك پارەم دەپ.
ئىنساۋىنى تىلەپ كۆتۈرىمىز قول،
ئىللىق تەپتىدىن شاتلانسۇن دىل دەپ.
ئەجىرسىز ، تامادا ئىزدىمىسە نەپ،
يۇرمىسە ئۆزىنى ئالەمدە بىر دەپ.
چوڭ گەپ ، قۇرۇق سۆزدىن پىنھانە ئۆتسە،
پەرزەنتتىن كېلەر باھاردەك ئىللىق تەپ.
قانائەت، شۈكرىلەر دۇردانە سۆز دەپ،
كەڭ قورساق، ياخشىلىق ساخاۋەتتىن دەپ.
ئۆتسە كۈن ئمەلسىز ، دەپقالمامدۇ خەپ،
پەرزەنتكە ئىلىمدىن سىڭدۇرمىسە نەپ.
يۈرسە قارىسىغا ئىنساپنى تىلەپ،
ھەر ئىشنى پەرزەنتنىڭ ئۆزىگە يۆلەپ.
ئەجىرلىك تىلىسە ئىنساپنى ئاندىن،
يۇقىدۇ دۇئالار، تىلەكلەر ئۆرلەپ.
121 قېتىم كۆرۈلدى | ئامىنە | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-2-5 17:45:18 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-2-23 21:05:59 | بۇخەلچەم |
بۇشىېئىر ناھايتتى ياخشى يىزىلىپتۇ |
2016-2-23 13:33:40 | نۇرەخمەت |
ناھايتتى ياخشى يىزىلىپتۇ |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|