بۇدەۋرىمىز مۇھتاج بىلىمگە
ئېلىجان ئابدۇكېرەم بارچۇق ئوغلى
قالاقلىقتا ئۆتمىسۇن ھايات،
بۇدەۋرىمىز موھتاج بىلىمگە.
بىلىم بىلەن ياسايلى قانات،
بۇدەۋرىمىز موھتاج بىلىمگە.
خۇراپاتلىق يۈك بولۇپ كەلدى،
بىزگە نۇرغۇن ئازاب ئېپ كەلدى.
قالاقلىقنى تاشلايلى ئەمدى،
بۇدەۋرىمىز موھتاج بىلىمگە.
تەرەققىيات كۆپتۇر ئالەمدە،
بىلىم بولسۇن ھەممە ئادەمدە.
بىلىمسىز بوپ قالمايلى غەمدە،
بۇدەۋرىمىز موھتاج بىلىمگە.
بىلىم بىلەن گۈللەيدۇ جاھان،
بىلىمسىز بوپ قالمىغىن ئىنسان.
قالاق يۈرسەك قىينالمامدۇ جان،
بۇدەۋرىمىز موھتاج بىلىمگە.
ئۇگەنمىسەك ئەتىمىز ئۈچۈن،
بولماي ئۆتەر نېنىمىز پۈتۇن.
ھاياتىمىز بولمسىمۇن تۈتۈن،
بۇدەۋرىمىز موھتاج بىلىمگە.
بىلىمسىزدىن بىلىملىك ئەۋزەل،
بىلىم ئالساق ئەتمىز گۈزەل.
تىرشايلى كەلگۈچە ئەجەل،
بۇدەۋرىمىز موھتاج بىلىمگە .
ئۈندىدار 2318334127
2016...10..9.
40 قېتىم كۆرۈلدى | dlkax | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-10-10 5:02:24 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|