جەننەت ئانام ئامان بولسۇن (شېئىر) - زۇلپىقار ھۈسەن

جەننەت ئانام ئامان بولسۇن
زۇلپىقار ھۈسەن


پەرىشتىدىن تۇغۇلدۇم دېمەك،
مېھىر بىلەن سۇغاردىڭ يۈرەك.
جاپالاردا  يەڭ تۈردۈڭ   بىلەك،
يۈرۈكىڭدە پەرزەنتكە   تىلەك.
پەرىشتە ئانام ئامان بولسۇن.

ھەر قازاندا قاينىدىڭ - پىشتىڭ،
تۇل چىلىقنىڭ دەردىنى تارتىڭ.
مېنى ھالال نان بىلەن باقتىڭ.
غېمىمنى ھەم غېمىڭگە قاتتىڭ.
غەمگۇزار ئانام ئامان بولسۇن.

بەختىم ئۈچۈن دۇئالار قىلغان.
ئۇچىسام كۆكتە كۈلگەن يايرىغان.
پەرزەنتىم  دەپ  باھارى   سۇلغان.
كېچە كۈندۈز خەۋىرىمنى  كۈتكەن،
شەپقەتچىم ئانام ئامان   بولسۇن.

مەن يىغلىسام تۆكۈلەر يېشىڭ،
دىلىڭ گويا سىنىڭ ھەم مىنىڭ،
شاتلىقىمدىن كۈلىدۇ قەلبىڭ،
مەن گوياكى ئاشىقىڭ-يارىڭ،
مېھرىبان ئانام ئامان بولسۇن.

سەن شادلىقىم بارىم ئەمەسمۇ.
يۆلەنچىم ھەم تاغىم ئەمەسمۇ.
گۈللەر كۈتسەم باغىم ئەمەسمۇ.
سەن بىر دانەم جانىم ئەمەسمۇ.
جەننەت  ئانام  ئامان  بولسۇن.

2017-يىلى 26-فېۋرال  ( يەكشەنبە )
شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى يېزا-ئىگىلىك  2-دىۋىزىيە 223-تۈەن
  -زۇلپىقار 【ھۈسەن】     





25 قېتىم كۆرۈلدى زۇلپىقار ھۈسەن ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-2-27 3:14:47  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ