مەنمۇ ئەمدى ئۈزەي سەندىن ئۈمۈتنى
ئابدۇشۈكۈر ئابلىمىت ئىھسان
ئاڭلىسام يار مەندىن ئۈمۈت ئۈزۈپسەن،
پات-يېقىندا توي قىلماقچى بولۇپسەن.
شاللاپ مىنى تامام كۆڭلۈڭ ئۆيىدىن،
باشقا بىرىگە سورۇن تۈزۈپ يۈرۈپسەن.
نىم دىگۈلۈك بۇ ئىشلارغا ۋاي ئىسىت،
تۈگەشتىمۇ بىزنىڭ سۆيگۈ مۇشۇنداق.
بىرىلدىمۇ ئەمدى راسلا خاتىمە،
يارالدىممەن شور پىشانە نىمانداق.
سوراي دەيمەن بۇنى سەندىن قايتىدىن،
نە ھاجىتى بىراق ئەمدى سوراشنىڭ.
يەتمىگەندەك خورلانغىنىم،ھېلىمۇ،
بارمۇ ئورنى يەنە جاننى قىيناشنىڭ.
چۈشۈمگىمۇ گاھ كىرىپ گاھ كىرمىدىڭ،
كىرگەندىمۇ ياخشىلىقچە كىرمىدىڭ.
ئويلىسام بۇ دىرەك ئىكەن شۇنىڭدىن،
ئىھتىمال سەن مىنى خەخكە تىللىدىڭ.
بىر سەن تامان قولاقلېرىم ھەرقاچان،
شۇملۇق ئەمما ئۇ ئاڭلىغان خەۋەرلەر.
مەيلىڭچىمۇ زورلاشمۇ يا بىلمىدىم،
چاچتىڭ زەھەر،بولدى زىدە كۆڭۈللەر.
بوپتۇ گۈلۈم كەچكەن بولساڭ مىنىڭدىن،
مەنمۇ ئەمدى ئۈمۈت ئۈزەي سىنىڭدىن.
نىمە ھاجەت سۆيەلمىسەڭ ساقلىماق،
گەرچە سۆيگۈڭ ئۆچمىسىمۇ دىلىمدىن.
بولسا كىرەك تەقدىرىمىز مۇشۇنداق،
شۈكرى،مەيلى باشقا بىلەن ياشاۋەر.
ئايرىلساقمۇ بەخىتلىك بول تىلەكىم،
يوللورۇڭ ئاق بولسۇن خوشال مېڭىۋەر.
مەندىن ياخشى تاللىغىنىڭ ئىھتىمال،
چۈنكى،ئۇ دەل مەندىن ئەلا كۆرگىنىڭ.
بىلىنمىسە مەندىن ئەۋزەل ناۋادا،
بولماس ئىدى مەندىن كىچىپ كۆيگىنىڭ.
بوپتۇ مەيلى شۇنىڭ بىلەن ئۆتۈپ كەت،
ھەر كىشىنىڭ ھوقۇقى بار تاللاشقا.
خەيرى دەيمەن پۈتۈلمىگەن ئوخشايدۇ،
پىشانىمىز مەڭگۈ بىللە ياشاشقا.
نامەرت ئىشى قولدىن كەتكەن نەرسىگە،
نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەم ياۋ بۇلۇش.
شات ياشىغىن،سىنى چەكسىز سۆيسەممۇ،
چۈنكى بىزگە بولماس ئەمدى جەم بولۇش.
پىشانەمدە باردۇر بەلكىم مېنىڭمۇ،
باشقا بىرى تەقدىر-قىسمەت ھۆكمىدە.
پۈتۈلگەننى كۆرمەي ئىلاج يوق،چۈنكى،
ئەمەس ئىكەن ھايات ئىنسان مەيلىدە.
56 قېتىم كۆرۈلدى | ihsan | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-11-7 11:41:29 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|