كەتكۈم بار
مىھرىگۈل سەمەت
ئارام ئىزلەپ يىراقلارغا كەتكۈم بار ،
بۇ كۈڭۈلنى بىر پەس خۇشال ئەتكۈم بار !
چارچاشلارغا ئەسىر بولغان روھىمنى ،
بىلسەڭ دۇنىيا ئىلىپ يىراق كەتكۈم بار !
ئارام تاپسا دەيمەن ھارغىن ۋۇجۇدۇم ،
سەيلىگاھتا ئەركىن نەپەس ئالغۇم بار !
غەۋغالىرى تۈگۈمىگەن دۇنىيانىڭ ،
غەملىرىنى قويۇپ يىراق كەتكۈم بار!
بىر جىنىمغا بىر تالاي غەم ئارتىلغان ،
غەمسىز شاتلىق سىنى باغاش ئەتكۈم بار.
قاناتلىرىم باغلاقتىكى قۇش ئۈزۈم ،
باغلاقلارنى ئۈزۈپ ئۇزاق كەتكۈم بار!
بىسىملىرى تۈگۈمىگەن ھايات بۇ ،
يارالماقنىڭ مەناسىنى تاپقۇم بار !
قەدىرلەنگەن ھەر نەپەستىن زۇقلىنىپ ،
دىڭىز ئوكيان بويلىرىنى كەزگۈم بار !
| 64 قېتىم كۆرۈلدى | مىھرىگۈل سەمەت | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-12-3 18:16:47 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|