ئ‍وي شىڭگىللىرى - نادىر ئەسەر

ئ‍وي شىڭگىللىرى

 

 مەۋلىدە  ئىسرائىل

 

دەيمۇ دەپ، دىمەيمۇ دەپ ئىككىلەندىم ،

 تىلىمنى مىڭ باغلىدىم قىلىپ سەبىر .

 دىمەسكە بەرمىدى يول دىلىم سايراپ ،

غەيرەتتە يېزىپ سالدىم بۈگۈن ئاخىر.

 

ئىتلارنى چىشلەيدۇ دەپ  ئ‍ەيلىدوق دات،

 ئۆلتۈردۇق يوللىرىغا  قېقىپ قاپقان .

 كۆيدۈردۇق پۇلىمىزنى تاماكىغا،

 ئ‍اچ قالدى قۇشلار بۇندا، چاچماي بىر دان.

 

قاتۇردۇق مۈشۈكلەرنى تاشلاپ دۇرا،

 ئ‍ايلاندى ئ‍ولجىمىزغا ياۋا كەپتەر .

 ھاراققا زاكۇسكىلاپ چاينىۋەتتۇق،

 ئ‍ۈنلىمەس پىشايۋاندا شۇڭا دەمدەر.

 

 قۇشقاچلار توپلىشالماس ھويلىمىزغا ،

قونالماس ئ‍ەپلىك جاينى ئۇچۇپ-ئ‍ەگىپ.

 بەك ئەپچىل زىننەتلەنگەچ ئ‍ۆيلىرىمىز،

قارلىغاچ ئ‍ۇۋسىنى بىلەر ئەيىپ .

 

 جانلىقتىن كۆرۈپ ئ‍ەلا نەپسىمىزنى،

 قويمىدۇق قىرغاۋۇلنى جاڭگالدىكى .

ئوشۇقى بالا بولدى، بۆرە ئۈچۈن ،

دەسسىدۇق چۈمۈلىنى داڭگالدىكى .

 

دەريادا قالمىغاندا چوڭراق بېلىق ،

تور تاشلاپ  سۈزۈپ يىدۇق بېلىجاننى .

قاچقۇندەك قىچىپ يۈردى تاغدا كەكلىك ،

 قىر-دۆڭدە ياتالمىغاچ ساقلاپ جاننى.

 

قالسىمۇ قېيىن كۈندە شۇ بۇۋىلار ،

 كۆزىنى ئ‍الايتمىغان ھايۋانغا ھېچ .

ئۆتۈشكەن ساۋاپ ئىزدەپ ئ‍اياپ جانلىق ،

 ئۈمىدى ياشاش ئ‍ىدى ئىناق ھەم تېنچ .

 

 ئايرىغان تېرىسا دان، تىلسىزغا دەپ ،

زىرائەت ئ‍ۆسسە دىگەن ئ‍امان-ئېسەن.

يىققاندا ھەر كۈز ھوسۇل ئ‍ۇنۇتماستىن،

 ۋەدىگە قىلغان ۋاپا، تۆكۈپ كەپسەن .

 

 كۈن-كۈنلەپ ئ‍اچ قالسىمۇ ئەجدادىمىز ،

 پاسىبان،قانات بولغان تەبىئەتكە .

قول قولنى يۇغاندا قول، يۇيۇپ يۈزنى،

ئېرىشكەن تەبىئەتتىن ئېسىل نەپكە .

 

 ساۋاپنىڭ تۈۋى تۈشۈك دەپ تۇرىمىز ،

 ئ‍اياشقا ئ‍ۈندەپ قويسا ھازىر بىزنى.

 ئ‍ايلاندۇق باغرى تاشقا ،قېنى ئ‍ۇدۇم؟!

ئۆچۈرۈپ ماڭارمىزمۇ باسقان ئ‍ىزنى؟!

 

 قۇيرۇقنى كۆرگەزمە قىپ ساتتۇق ئۆپكە ،

 يالغانغا بولۇپ قالدۇق ئ‍ەجەپ ئۇستا .

تۇيدۇرماي قىلىپ تۇرۇپ بۇزغۇنچىلىق ،

تەبىئەت ئ‍انام دىدۇق ئ‍اغزىمىزدا.

 

 تۇرايلى ئاگاھ ھەرۋاق بۇرادەرلەر،

تۈرگەن مۇشىت كىلىپ تۆكەر چىشىمىزنى.

 باسايلى قەدەملەرنى بايقاپ ،ئويلاپ ،

 ئ‍وڭلايلى چىن نىيەتتە ئ‍ىشىمىزنى.

 

 سۈيگۈ بار ھەر نەرسىنى يارىتىشتا ،

جان بارغۇ قاقشايدىغان  ھايۋاندىمۇ.

 بېلىپ قوي، بىر كۈنلەردە سورىغى بار،

تاشلىنىپ بى   ئىتىبار  قالغانغىمۇ.

 

 ئ‍ەشمىسۇن ئ‍ۆز قولىمىز سىرتماقنى ،

دار ئ‍ەيلەپ چىچىمىزنى بوينىمىزغا.

قىلمىساق سىلى رەھىم تۆكۈپ شەپقەت .

 يىلاننى پەرۋىشلەيمىزپەرۋىشلەيمىز قوينىمىزدا!





232 قېتىم كۆرۈلدى مەۋلىدە ئىسرائىل ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-1-22 16:07:17  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-2-1 15:18:05 ئەزىمەت
قالتىس بەكمۇ ياقتۇردۇم
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ