ئۆزۈڭگە تايان - ئابدىراھمان ھېكىم

——ئۆزۈڭگە تايان——

🎄ئابدىراھمان ھېكىم🎄 🌹ئىشەنچ🌹

تاغلارغا تايانسام  تاشلار  سىرىلدى،
باشلىرىم  يېغىر قوللۇرۇم   سۇندى ،
بىراۋغا  تايانسام  يېقلىپ   چۈشتىم،
بەك ئېغىر دەردلىرىم بېشىمغا قوندى.

ساقلىمىدى   شۇ  ئازغىنە سىرىمنى،
رەقىبىمگە ئېيتىپ  ئ‍اجىز   يىرىمنى،
قانداق قىلاي ئەمدى سۇنۇق دىلىمنى،
چۆللەردە قالدۇردى ياتقا  تايانسام،

پىنھاندا ھاۋاغا تۆكۈپ دەردىمنى،
قانداقمۇ  قىلارمەن بۇ  ئازابىمنى،
ھىچكىممۇ چۈشەنمەس مىنىڭ قەلبىمنى،
ئۇچۇردى شاماللار ئېيتقان  سىرىمنى،

بۇ ئاجىز  يۈرۈكۈم  ئېيتتىغۇ  شۇ  چاغ،
ئىبرەت ئال دۇنيادىن  سەن بۇ جاھاندىن،
ئۆزگىدىن پەقەتلا ئۈمىت كۈتمىگىن!
ئۆزۈڭگە ئىشەنگىن ئۆزۈڭگە تايان!!


2016.10.25 كۇچا

506838927
     





471 قېتىم كۆرۈلدى ixanq ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-28 21:49:01  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ